شىۋېتسارىيە ئېلان قىلغان خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى» غا مۇناسىۋەتلىك دوكلات د ئۇ ق تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.02.19
xitay-qoli.jpg ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت ئاتلاپ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا ئېلان قىلدى!
Yettesu

شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى 12-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارىتى ھەققىدىكى چوڭ ھەجىملىك دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلار ھەققىدە شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرى بەس-بەستە ئوبزور ئېلان قىلىپ شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنى شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاينىڭ نازارىتى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىشىغا قارىتا ھۆكۈمەتنى كەسكىن چارە-تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنى مۇرەككەپ تېخنىكا ئىشلىتىش، ئەدلىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىش، بولۇپمۇ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش شەرتنامىسى ئارقىلىق ئۆزلىرى تۇتۇشنى پىلان قىلغان ئەسلى خىتاي پۇقراسى كىشىلەرنى قايتۇرۇشقا زورلاش، ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ئوخشىمىغان تاكتىكىلىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.

دوكلاتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا يەنە، كىشىلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-پائالىيەتلەرنى رەسىمگە تارتىش، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشكە زورلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغانلىقى مىسال قىلىپ تىلغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتىنى قارشى ئالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

بۇ دوكلات ھەققىدە شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەت رادىيو تېلېۋىزىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام: «نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى پۈتۈنلەي يالغۇز ھېس قىلىدۇ، شىۋېتسارىيە خىتاينىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشىنى تېخىمۇ ئىزچىل تەكشۈرۈشى ۋە خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارىتا قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ، جازالاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»، دەپ ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ كونكرېت چارە قوللىنىشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ دوكلاتتا: «خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر قىسىم كىشىلەرنى سىياسىي پاناھلىق باسقۇچىدا تەھدىت، ئالداش، پىسخىكىلىق بېسىم قىلىپ ئۆزلىرىگە ئىشلەشكە ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ» دەپ يېزىلغان.

شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى» غا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ھەققىدە ئوبزورلار
شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى» غا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ھەققىدە ئوبزورلار
RFA/Hebibulla

«يېڭى زۈرىخلىقلار» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، بايان قىلىنىشىچە، «ئۆتكەن يىلى ئەندىلى قاراخانغا ۋەتىنىدىن تۇيۇقسىز بىر تېلېفون كەلگەن، تېلېفون قىلغۇچى ئۇنىڭدىن نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، بىرەر ياردەمگە ئېھتىياجى بار يوقلۇقىنى ۋە ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنى سوراپ، ئۇنىڭغا يەمچۈك تاشلىغان ھەم ئاستىرتىن تەھدىت سالغان». بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەندىلى قاراخان، بۇ تېلېفون ۋەقەسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

بۇ دوكلات نۆۋەتتە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن تۇنجى ئېلان قىلىنغان، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ بۇ دوكلات ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە شىۋېتسارىيە سىياسىي قاتلىمىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بۇ دوكلات يالغۇز شىۋېتسارىيەدىكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ دوكلاتتا شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاھالىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئانالىز قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىتنە-ئىغۋا ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى جامائەتلەرنى بۆلۈش پارچىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يەنە بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا قورقۇتۇش ھەم بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئېھتىماللىقى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى دەپ خۇلاسە چىقىرىلىپ، خىتاينىڭ مۇھاجىرەت توپلۇقلىرىغا بېسىم قىلىشتا ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش دىپلوماتىيەسىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دائىم قوللىنىلىدىغانلىقى، تىبەتلەرگە قارىتا بولسا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى يەمچۈك قىلىشنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.