«قاماقخانىلار تولۇق، تۇتقۇن داۋاملىشىۋاتىدۇ، بەزىلەرنىڭ قامالغان جايى مەلۇم ئەمەس»

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل 3‏-ئايدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك «يېپىق تەربىيىلەش» دولقۇنى يەنىلا توختاۋسىز ھالەتتە داۋام قىلماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئاقتام يېزىسىدىكى ساقچى خادىملىرى گۇماندار ئابدۇسەمەت مەتكېرىمنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتتە ئىكەن. مىسىردىن قايتقان گۇلجەننەت تۇنىياز بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. قاراقاش ئاقاسارايدىن بۈگۈن «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ مېڭىلغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 30 نەپەر.

بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار ئاھالىلەرنى «يېپىق تەربىيىلەش» كە ئېلىپ ماڭغاندا، بۇنىڭ پەقەت 19‏-قۇرۇلتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىكەنلىكى، قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما خىتاينىڭ 19‏-قۇرۇلتىيى يېپىلغىنىغا ئىككى ئايچە بولغان بولسىمۇ، ئەمما «يېپىق تەربىيىلەش» دولقۇنى يەنىلا داۋام قىلماقتا.

ئاشكارىلىنىشىچە، قارىقاشنىڭ ئاقساراي يېزىسىدا بۈگۈن ئاز دېگەندە 30 چە كىشى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ بېرىلغان.

پوسكامنىڭ ئاقتام ساقچىلىرى سەيلى يېزىسىدىكى ئاھالىلەردىن ئابدۇسەمەت مەتكېرىمنى تۇتۇش ئۈچۈن بۇيرۇق چىقارغان ۋە ھەرىكەت قىلماقتىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى «يېپىق تەربىيىلەش» دولقۇنىدا بىر قىسىم مەكتەپلەر ۋە ئىدارە جەمئىيەت ئورۇنلىرى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئاتالمىش «كۇرسانتلار» بۇ مەركەزلەرگە سىغمىغاندىن كېيىن، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ۋە تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن. ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى جايلاردا تۈرمىلەردىنمۇ بوش ئورۇن قالمىغان. مۇشۇ سەۋەبتىن بەزى جايلاردا بەزى تۇتقۇنلار ئائىلە ۋە كەنت ئامانلىق خادىملىرىغىمۇ نامەلۇم ئورۇنلارغا يۆتكەلمەكتىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىسىردىن قايتقان كورلىلىق 23 ياشلىق ئوقۇغۇچى گۈلجەننەت تۇنىياز بۇ 5‏-ئايدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. كورلا قارا يۇلغۇندىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، قارا يۇلغۇن كەنتىدىن 13 نەپەر ئايال «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ» قە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان، ئەمما ئۇلار كورلىدا بىلىنگەن «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ھېچبىرسىگە ئاپىرىلمىغان، ئۇنىڭ نەگە ئەكېتىلگەنلىكى مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىغىمۇ مەلۇم ئەمەسكەن.