يەكەندە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن
2014.07.30

يەكەندە يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى، ئۈچ كۈندىن بۇيان يەكەندىن قوشنا ناھىيەلەرگە قاتنايدىغان قاتناشنىڭ توختىتىلغانلىقى ھەمدە خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يەكەنگە يۆتكەپ كېلىنىپ مەكتەپ ۋە باشقا مۇھىم ئورۇنلارغا ئورۇنلاشقانلىقى مەلۇم.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەننىڭ ئېلىشقۇ بازىرى تەۋەسىدە روزا ھېيت مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق توقۇنۇشلار پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
يەكەنگە قوشنا ناھىيەلەردىمۇ جىددىيچىلىك كۆرۈلگەن. 3 كۈندىن بۇيان ئىنتېرنېت تورى قامال قىلىنىپ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغان. يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تاراتقۇلارغا مەلۇمات بېرىشى ياكى بۇ ھەقتە گەپ قىلىشىنى چەكلىگەن.
يەكەن ناھىيەسىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەر ۋە پۇقرالارنىڭ تېلېفونلىرى ئۈزۈۋېتىلگەن ياكى كونترول ئاستىغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەكەن خەلقى ئېغىر سىياسىي بېسىم ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئېغىزى سۆزلىمەيدىغان، كۆزى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان ھالەتكە ئۆتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.
يەكەن ناھىيەلىك تېز يوللانما شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپتا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ۋەھىمىلىك كەيپىيات تۈپەيلى ئوچۇق-ئاشكارا گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى. ئەمما گەپ ئارىلىقىدا ئۇ يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار ۋە يوللىرىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى، تىنچسىز ۋەزىيەتنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىنتېرنېت تورنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەقە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ مەلۇم كەنت سېكرېتارى تۇرغۇن ھىدايەت بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇ سىرتتىن تېلېفون بەرگەن ھەرقانداق مۇخبىر ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، مۇخبىرلىق كىنىشكا نومۇرى ۋە تېلېفون نومۇرىنى ئوچۇق كۆرسەتمىسە، سوئاللارغا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەكەننىڭ خاندى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفوننى مەكتەپ خادىملىرى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئالدى. ئۇ ھەربىي قىسىمنىڭ يېقىندا مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى، يەكەندىكى توقۇنۇشنىڭ تېخى تامامەن تىنچىتىلىپ بولۇنمىغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى. ھالبۇكى، ئۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىچكىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا داۋاملىق جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
يەكەنگە قوشنا پوسكام ناھىيەلىك تېز يوللانما شىركىتىنىڭ بىر خىتاي خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 3 كۈندىن بۇيان يەكەن بىلەن باشقا ناھىيەلەر ئارىسىدىكى تېز يوللانما مۇلازىمىتىنىڭ قاتناش ئۈزۈلگەنلىكى سەۋەبلىك توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.