پۈتۈن دۇنيا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەرگىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ ئۇلار ئۈستىدىن جىددىي ھالدا ئېغىر ھۆكۈم ئېلان قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە.
22-ئاپرېل ياپونىيەدىن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلەشكەن دىلنارە ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى تۇغقانلىرىنىڭ 23 ياشلىق ئوغلى سۇبات ئابدۇۋەلىنىڭ يېقىندا قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇدۇل غۇلجادىكى بوز تۈرمىسىگە قامالغىنىنى، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئېغىر كېسىلىپ كېتىلىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلنارەنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا سۇبات ئابدۇۋەلى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى يېڭى يەر يېزىدا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئانىسى رەيھان ھېيتەم بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان يالغۇز ئوغۇل بولۇپ. ئۇ، ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تىجارەت يولىنى تۇتقان.
2014-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە كېلىپ تىجارەت قىلغان، ئارىدا بىر قانچە قېتىم يۇرتىغا بېرىپ-كېلىپ تۇرغان، ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى 8-ئايدا ئۆيىگە قايتقان.
2017-يىلى، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈنى سۇبات تۇنجى تۈركۈمدە تەربىيەلەشكە ئېلىپ بېرىلغانلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، غۇلجا مالىيە مەكتەپتە قۇرۇلغان لاگېرغا 6 ئاي قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى دىن ئۆگەنگەن دېگەن سەۋەب بىلەن ئىككىنچى قېتىم قايتا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھۆكۈمسىز ھالدا بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقتىنى بوز ۋە يېڭى ھايات تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن.
سۇبات 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىككىنچى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېخى يېقىندا تىجارەت قىلىپ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى دائىرىلەر بىر ئاينىڭ ئالدىدا، يەنى، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سۇباتنى ئۆيىدىن قايتا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەن. دىلنارەنىڭ غۇلجادىكى تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەت ئۇ ئۇدۇل بوز تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنى بۇ قېتىم ئىلگىرى دىنىي تەلىم تەربىيە ئالغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭ ئۇدۇل تۈرمىگە ئېلىپ بېرىلىشى ئۇنىڭ سوتسىزلا ئېغىر كېسىلىش ئېھتىمالىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
سۇباتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن غۇلجا ساقچى ۋە قانۇن ئورگانلىرىغا قاراتقان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى. ئارىدا سۇباتنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىدىكى غۇلجا شەھەر يېڭى يەر يېزىسىنىڭ، يېزىلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى ئېلىندى. ئىشخانىدىكى بىر ئۇيغۇر خادىم ھازىر «ئوقۇشتىكىلەر ھەممىسى قويۇپ بېرىلدى» دېگەن بولسىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن سۇباتنىڭ قايتا تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا «بۇنى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ تۇرۇۋالدى.
سۇباتنى تونۇيدىغانلارنى سۈرۈشتە قىلىش جەريانىدا، سۇباتنىڭ قوشنىلىرىدىن ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان، سودا مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن لاگېر باشلىنىپ يۇرتىغا قايتالمىغان مىرزات ئەپەندىنى تاپتۇق. مىرزات ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ 28-كۈنى غۇلجادىكى تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلغاندا سۇباتنىڭ قايتا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە دائىرىلەر سۇباتنى لاگېر باشلانغاندىن بۇيان 3-قېتىم تۇتقۇن قىلىشىغا، ئۇنىڭ ئىلگىرى دىنىي تەربىيە ئالغانلىقىنى باھانە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۇباتنى كىچىكىدىن ياخشى تونۇيدىغان مىرزات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇبات تۈركىيەدىمۇ پەقەتلا سودا قىلىپ ئوقۇپ باقمىغان. ئۇلار پەقەت ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بالا ۋاقتىدا مەھەللىدىكى ئىمام قارىلاردىن دىندىن ساۋاتىنى بىللە چىقارغانىكەن. سۇباتنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشىلەڭەن مىرزات «سۇبات 10 نەچچە يىللار ئاۋۋالقى ئادەتتىكى دىنىي ساۋات ئالغىنى ئۈچۈنلا خىتاينىڭ ئۇنى جازالىشى پۈتۈنلەي ئادالەتسىزلىك» دەيدۇ.
سۇبات لاگېر ۋە تۈرمىگە سەۋەبسىز قامىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە يەنە يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان تۇنجى ئۇيغۇر ئەمەس. مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سەرخىللەردىن بىناكارلىق، بېزەكچىلىك ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىۋاتقان رەخمەتتاي ئابدۇرېشىتنىڭمۇ يېقىنقى ئايلاردا قايتا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. خەۋەرگە قارىتا رەخمەتتاينى تونۇيدىغان بەزى گۇۋاھچىلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردا رەخمەتتاينىڭ 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دەسلەپ لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوشۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ لاگېر ھەققىدىكى كۈچلۈك پاكىت-ئىسپاتلىرى ئالدىدا ئاخىرى لاگېرلارنى «كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان تېخنىكا مەكتىپى» دېيىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش تەلەپلىرى كۈچەيگەن پەيتتە بېيجىڭدا «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئارقىلىق «ئۆتكەن ئىككى يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەربىيەلەشكە قاتناشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەمئىيەتكە قايتىپ كەلدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 90 پىرسەنتى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى» دەپ جاكارلىغانىدى.
خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ 90 پىرسەنت كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تىن قويۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ ساختىلىقىنى دەلىللەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە يېقىنقى كۈنلەردە ئىگە بولغان مەلۇماتلىرىمىزدىن بولسا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا سوتسىز ۋە ياكى مەخپىي سوت ئېچىش ئارقىلىق ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ بىر بۆلىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەرگە، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا خىتاي ئىچىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى كۆپلەپ ئىسپاتلانماقتا.
0:00 / 0:00