تايلاند سوتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قويۇپ بېرىش ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.14
tayland-sot-Uyghur-muspir-1920 تايلاندنىڭ بىر سوت مەھكىمىسى 14-فېۋرال جۈمە كۈنى سوت ئېچىپ، ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىغان
Photo: RFA

تايلاندنىڭ بىر سوت مەھكىمىسى 14-فېۋرال جۈمە كۈنى سوت ئېچىپ، ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىغان. جۈمە كۈنى، جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوت، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاينىڭ (Chuchart Kanpai) بۇ يىل 29-يانۋار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى بويىچە ئەيىبلىنىپ يېتەرلىك قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تايلاند سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن ئېچىلغان. بۇ، خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چەت ئەلگە پاناھ تارتىپ چىققان، ئەمما تايلاندتا تۇتۇلۇپ قېلىپ ھازىرغا قەدەر قاماقتا يېتىۋاتقان مەزكۇر 43 ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى ئەرزىنىڭ تۇنجى قېتىم تايلاند سوتىدا قاراپ چىقىلىشىدۇر. 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى بۇ ئەرز، ئۆتكەن ئايدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى ۋە غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىشىدىن كېيىن سۇنۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنىدىكى سوتقا تۇتقۇنلار قاتناشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي، ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە ۋە شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىمانى (Nyrola Elima) ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 شاھىت گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قارمىقىدىكى «بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ 14-فېۋرال باڭكوكتىن بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سوتتا ئادۋوكات چۇچارت كانپاي مۇنداق دېگەن: «تۇتقۇندىكى بۇ 40 نەچچە ئۇيغۇر خىتايدا جىنايەت سادىر قىلمىغان. ئۇلار تايلاندقا چېگرادىن قانۇنسىز كىرىشنىڭ جازاسىنى ئۆتەپ بولدى. ئەمما ئۇلار 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، ئىنتايىن ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىپ كەلمەكتە.»

شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىمانى (Nyrola Elima) تايلاند سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2025-يىلى 14-فېۋرال، باڭكوك
شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىمانى (Nyrola Elima) تايلاند سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2025-يىلى 14-فېۋرال، باڭكوك
X/@nyrola

ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكادىكى «ھەممىگە ئادالەت» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تايلاندتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى جەدۋەل توشقۇزۇشقا مەجبۇرلاپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەر خەلقئارادا ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ سوت، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانى يوقلۇقى، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. سوتتا ئەرزدارلارغا ۋاكالىتەن دەۋاگەر سۈپىتىدە ھازىر بولغان ھەم گۇۋاھلىق بەرگەن بەختىيار بۆرە، سوتتا تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئون نەچچە يىل ئىنتايىن ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇشتا تايلاند قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئەرز قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەختىيار بۆرەنىڭ 14-فېۋرال سوتتىن كېيىن رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ سوتتا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ بۇ جەرياندا كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. نۆۋەتتە، سوتقا غەرب ئەللىرىدىن 11 دەك دۆلەتنىڭ بانكوكتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. سوتتا، شاھىت سۈپىتىدە گۇۋاھلىق بەرگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما، بۇ 43 نەپەر تۇتقۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئاددىي دېھقان ياكى ئۇششاق تىجارەتچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە قېچىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەن. نىرولا ئەلىما مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسى ئىنسانىي ھوقۇقلىرى سىستېمىلىق ھالدا تارتىۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ خالىغانچە كىيىم-كېچەك كىيىش ھوقۇقى، تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقسىز تېلېفون ئىشلىتىش ھوقۇقلىرى ئىنكار قىلىنغان. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن چىدىغۇسىز كونتروللۇق، چەكلىمىلەر بىلەن بوغۇلغان.»

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇشۇنداق شارائىتتا، ئادەم بېدىكچىلىكى يوللىرى بىلەن خىتايدىن قېچىپ چىققان» ئىكەن. سوتتا نىروللا ئەلىمە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا بولمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى خەلقئارا ئورگانلار تەرىپىدىن تەپسىلىي خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇڭا، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا بولمايدۇ. ئۇلارلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى ۋە دوستلىرىمۇ بۇ سەۋەبلىك قاتتىق قىيناش ۋە ئېغىر جازاغا يولۇقۇشى مۇمكىن. مەن بۇ دېلو ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلارنىڭ بىرەر جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا دائىر ئىناۋەتلىك ھېچقانداق ئىسپات كۆرمىدىم.»

ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى قاراپ چىقىۋاتقان باڭكوك جەنۇبىي جىنايى ئىشلار سوتى. 2025-يىلى 14-فېۋرال.
ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى قاراپ چىقىۋاتقان باڭكوك جەنۇبىي جىنايى ئىشلار سوتى. 2025-يىلى 14-فېۋرال.
Lukeit Kusumarn/BenarNews

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈندىكى سوتتا مەزكۇر 43 ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىغا قارىتا قارار چىقىرىلمىغان. سوتچى، سوت قارارىنىڭ 18-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى بەختىيار بۆرە، سوتنىڭ قارارى بۇ دېلونىڭ كۆپ خىل مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولۇشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

«بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ دېلونىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كامپاي، ئەگەر سوت بۇ ئەرزنى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەقلىق، دەپ قارىغان ھالەتتە، بۇ دېلونى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى بۇيرۇشى، شۇنىڭدەك ساقچىلارنى سوتقا چاقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. چۇچارت كامپاي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قانۇنىي ئىكەنلىكى جەزملەشسە، سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى بۇيرۇشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.