تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار: ھالال تاماق يېيەلەيدىغان بولدۇق

0:00 / 0:00

2014-2015-يىللىرى ھەر تۈرلۈك يوللار ۋە سەۋەبلەر بىلەن تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن ئۇيغۇرلاردىن ئاخىرقى 50 نەچچە نەپىرى ھازىرغىچە مەسىلىسى ھەل بولماي، تايلاندتىكى ئوخشىمىغان مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇرماقتا. گەرچە ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خەلقئارا جامائەتكە مەلۇم بولۇپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇشنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولسىمۇ، تايلاندتىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقا-ئارقىدىن مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىشى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 7 يىلدىن بۇيان لاگېردىكى ناچار شارائىت ۋە تەھدىتلەر سەۋەبلىك جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن ئېغىر ۋەزىيەتلەردە قالغانلىقى، بەزىلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بىر قانچە قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنۇپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىمۇ مەلۇم ئىدى.

رادىيومىز بۇ يىل 3-ئايدا بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدۇق، ئۇنىڭدا تايلاندتىكى ھەر قايسى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىنتايىن ناچارلىقى، بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت زەي تۈرمە، نەم ھاۋا، ناچار ئوزۇقلۇق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ داۋالىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى شىكايەت قىلىنغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياتاق شارائىتىنىڭ قىستا-قىستاڭ، تازىلىق شارائىتلىرىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولغاندىن سىرت ھەتتا ھالال تاماقمۇ يېيىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىدەك بىر قاتار قىيىن ئەھۋاللىرىنىمۇ بايان قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يېزىشىچە، ئۇلارنىڭ شۇ خىل ناچار شارائىتلارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بەزىلىرىنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنۇپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.

بىز بۇ مۇراجىئەتنامىدە ئېيتىلغان ئەھۋاللار ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنى ئايرىم ئايرىم زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار بىردەك تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تايلاند دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالىنىش ۋە ئوزۇقلۇق مەسىلىلىرىدە ئۆزگىرىش ياساشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەنىدى.

يېقىندا تايلاندتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالغان ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، رامزان باشلانغان كۈنلەردە تايلاند باڭكوكتىكى مۇساپىرلار مەركىزىنىڭ مۇدىرلىرى بۇ ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تېخىچە ھەل بولمايۋاتقان ۋە ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەن. ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن مۇساپىر ئۇيغۇرلار «ئەڭ بولمىغاندا ھالال تاماق يېيىشىمىزگە، داۋالىنىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلساڭلار» دېگەندەك تەلەپلىرىنى بايان قىلىشقان. دەرۋەقە ئاز كۈندىن كېيىن بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلاردا ھالال تاماق بېرىلىشكە باشلىغان. بۇ، ئۇزۇندىن بۇيان تاماق مەسىلىسىدە قىينىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلغان.

بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن بىرى، ھەتتا تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى مەسئۇللىرىنىڭ ئۇلارغا «باشقىلارنىڭ سىلەرنى زىيارەت قىلىپ كېتىشىگە يول قويىمىز» دېگەنلىكىنى، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىكى شارائىت ۋە مۇئامىلىنىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىشىنىڭ ئۇلارغا زور ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مەلۇمات ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى رادىيومىزغا، بۇ ئۇيغۇرلار ھازىرچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا بولسىمۇ تېخىچە پۈتۈنلەي خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

تايلاند بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بېسىمىغا بوي بەرمەي ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرمىغان بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشاشلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ۋە ئامېرىكانىڭ بېسىمىغىمۇ بوي بەرمەي ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقارماي كەلمەكتە.