ۋاشىنگتون شىتاتىدا 'شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى' نامىدا يىغىن ئېچىلىدۇ

29 - ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شتاتىغا جايلاشقان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى، رۇسىيە شەرقىي ياۋروپا ۋە مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.10.29
Urumqi-Guangdong-Qanliq-weqesi-305 2009- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺷﺎﯞﮔﯘﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﯞﻩ "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ.

يىغىننىڭ تېمىسى "شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى" بولۇپ، يىغىن 29 - ۋە 30 ‏- ئۆكتەبىر مەزكۇر مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىدۇ.

يىغىندا ھازىر ئامېرىكىدا جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نوپۇزلۇق دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس مىللىۋارد، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى گاردنېر باۋىڭدون قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇيدۇ.

يىغىندا يەنە، ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تالانت مەۋقانۇلى، رىشات كاشابا قاتارلىقلارمۇ ماقالە ئوقۇيدۇ.

يىغىنغا مەزكۇر ئىنستىتۇت پروفېسسورى داۋىد باچمان رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. يىغىن 30 ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى، سۆھبەت شەكلىدە يەنە داۋام قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Oct 29, 2009 08:16 PM

ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .
ﯪﯞﯗ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﯩﻤﯘ ﻣﯘﯞﻩﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ .ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻣﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .