يارىدار رابىيگۈل ياسىن: ماڭا چەتئەلدىن كەلگەن 500 دوللار ياردەم پۇل ساقچىلارنى ئۇگىسىدىن قوزغىۋەتتى
2012.06.29
رابىيگۈلنىڭ نۆۋەتتە داۋالىنىشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر رابىيگۈل ياسىنغا ياردەم يوسۇندا 500 دوللار پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن. ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ كارى بولمىغان، ھەتتا ساقچى ئورگانلىرىغا ئىزدەپ بارسىمۇ، گېپىگە ھېچكىم قۇلاق سالمىغان رابىيگۈل، چەتئەلدىن 500 دوللار تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىردىنلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان. ساقچىنىڭ ئوخشىمىغان ئورگانلىرىدىن خادىملار كېلىپ بەزىلىرى رابىيگۈلدىن ھال سورىسا، بەزىلىرى تەھدىت سالغان.
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كېچە سائەت 1 مەزگىلدە خىتاي ساقچىلىرى دۆڭكۆۋرۈكىتىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قوروغا باستۇرۇپ كىرگەن. بۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولغاچقا، ساقچىلار قورودا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان. قورودا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەردىن رابىيگۈل ياسىن ئۆيىنىڭ ئارقا دېرىزىسىدىن ئۆزىنى سىرتقا ئاتقان ۋە ئارقا ھويلىدىكى ھارۋىنىڭ تېگىگە مۆكۈۋالغان. خىتاي ساقچىلىرى رابىيگۈلنى 5 مېتىر ئارىلىقتا كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ 5 پاي ئوق ئاتقان ۋە بىر پاي ئوق تەككەن، ئۇ يارىلىنىپ ھۇشسىزلانغاندىن كېيىن، ئۇنى ھارۋىنىڭ تېگىدىن تارتىپ چىققان. رابىيگۈل تۈرمە دوختۇرخانىسىدا 4 ئاي كويزا - كىشەنلىك ھالەتتە داۋالىتىلغان. ساقچىلار رابىيگۈلنى خاتا ئاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا تۆلەم بەرمىگەن، ئەپۇ سورىمىغان، پەقەت چالا داۋالاپ تاشلاپ قويۇپ كارى بولمىغان. رابىيگۈلنىڭ ئىشسىزلىقى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئۇققان چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا پۇل ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن رابىيگۈل ياسىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قايتىدىن دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان.
ئۆزىنى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان بىر خادىم رابىيگۈلدىن ھال سوراپ كەلگەن ۋە تەلەپلىرىنى سورىغان. رابىيگۈل بۇ ساقچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ۋە ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان؛ ئەتىسى باخۇلياڭ ساقچىخانىسىدىن ئىككى خادىم كېلىپ، چەتئەلدىن كەلگەن پۇلنى سۈرۈشتە قىلغان؛ ئۆگۈنى ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان يەنە بىر خادىم چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالماسلىقنى تاپىلىغان. رابىيگۈل ساقچىلاردىن ئالدى بىلەن ئۆزىنى خاتا ھالدا ئاتقان ساقچىنى جازالاشنى، يارىسىنى تولۇق داۋلالىىتىشنى ۋە تارتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيىنى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ياردەمگە ئېھتىياجى قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ئىزدەيدىغان چەتئەل تېلېفونىنىڭمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رابىيگۈل يەنە، ئۆزىنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدىكى چېغىدا كۆپلىگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە شاھىد بولغانلىقىنى، نۆۋىتى كەلگەندە بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى تارتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.