ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى قارىنى قۇتقۇزۇش خەلقئارا سەپەرۋەرلىكى باشلاتتى

1993‏-يىلى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېلىنغان ئابدۇكېرىم قارى ئابدۇۋەلىنىڭ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا بۇ يىل 19 يىل بولاي دېدى. ھالبۇكى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى تېخىچە تۈرمىدە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2012.10.15
abdukerim-abduweli-305.jpg ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ياش ۋاقتىدا تارتىلغان رەسىمى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Arslan

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 2002 ‏-يىلى 16‏-نويابىردا 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى تەكرار-تەكرار ئۇزىتىلىۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ قىسمەتلىرى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈستىدە خالىس دەۋا قىلىش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دائىملىق خىزمەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان  ئىدى.

«ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»، «ئىستىقلال» تېلېۋىزىيىسى، «ئازادلىق» تورى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى تورى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» تورى، قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىزچىل تەشۋىق قىلىشلىرى نەتىجىسىدە ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش پۇرسىتىنى قازانغان ئىدى.

بۇ خىل پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىدىن ئىلھاملىنىپ ئۇنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان« يوتۇبە»، «فەيسبۇك»،« تۋتتر» قاتارلىق تورلاردىكى تەشۋىقات خىزمىتىدە ئەجىر قىلىۋاتقان ئاكتىپ ئۇيغۇرلار ۋە كوللېكتىپلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى خەلقئارالىق تەسىر قوزغاشقا باشلىدى.

تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» مەزكۇر چاقىرىقنى كۈچەيتىپ، مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنى قۇتقۇزۇش سەپەرۋەرلىكى باشلاتقان.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىشقا ھەسسىدارلىق كۆرسەتكەن گوللاندىيىدىكى دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.