قازاقىستاننىڭ تونۇلغان بوكس ماھىرلىرى ئاتاقلىق ئۇيغۇر بوكس تېرىنېرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنى ئەسلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئاتاقلىق بوكس تېرىنېرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئاتاقلىق بوكس ماھىرلىرىنىمۇ قاتتىق ئېچىندۇردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بوكس تېرىنېرى، مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىت.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بوكس تېرىنېرى، مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىت.
dilkax.com

مەلۇمكى، ئابلىكىم ئابدۇرېشىت باشقۇرغان بوكسچىلار بىر نەچچە قېتىم قازاقىستاندا بولۇپ، ئۇ يەردە ئۆتكەن جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا دەرىجىدىكى بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستانلىق بوكس تېرىنېرلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرغان. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەشتە ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر بوكسچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئابلىكىم ئابدۇرېشىت قازاقىستانلىق بوكسچىلار ۋە بوكس ئىشقىۋازلىرىدىمۇ ياخشى تەسىرات قالدۇردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تېرىنېرى، aiba نىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك سودىيىسى، قازاقىستان بوكس ئاساسچىلىرىدىن بىرى سېرك ئابدىنالىيېف ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تېرىنېرى خەمىت بەرايېف مەرھۇم ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت