ئادەم بېدىكچىلىكىمۇ ياكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ؟

يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى 2008 - يىلىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ياش قورامىغا توشمىغان نۇرغۇن ئۆسمۈرلەرمۇ خىتاي ئۆلكىلەرگە ئىشلەشكە ئېلىپ مېڭىلغان.

0:00 / 0:00

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي زاۋۇتلىرىدا ياش قورامىغا توشمىغان بۇ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەرخىل دەپسەندىچىلىكلىرىگە يولۇقماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش ئارقىلىق "دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى" نى تەكىتلەپ، مەزكۇر سىياسەتنىڭ دېھقانلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ياش قورامىغا توشمىغان بۇ بالىلار قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئېلىپ كېلىندى؟ دېھقانلار ئېرىشمەكچى بولغان نەپلەرگە قانداق بەدەللەر تۆلەنمەكتە؟ بۇ زاۋۇتتىكى ئۆسمۈرلەر ئادەم بېدىكچىلىكى ۋە ياكى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش قۇربانلىرىغا ئايلاندىمۇ يوق؟

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا، بۇ بىر تۈركۈم قورامىغا توشمىغان قىزلارنىڭ، يېشى ۋە ئىسىم فامىلىسى تېگىشتۈرۈلۈپ مەزكۇر زاۋۇتقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدۇق، گەرچە بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن ياكى ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كونا شەھەر ناھىيىلىك " ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش ئىشخانىسى" نىڭ مۇدىرى ئىدرىس ئىسلام ھەقىقەتەن شۇنداق چارىلەر قوللىنىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بالىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار زاۋۇتقا كېلىپلا توختامغا قول قويغان ۋە بۇ يات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان.

خوش، كۆپىنچىسى ئىشلەش يېشىغا توشمىغان بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى كىملىك سالاھىيىتىنى ئۆزىدىن چوڭ ياشتىكى باشقىلارنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يوللار بىلەن لوڭشى يېزىسىدىكى لوڭفا ئاياق زاۋۇتىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى دەلىللەندى. ئۇنداقتا بۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئىشلەش مۇھىتى ۋە ئالدىنىڭ 10، كېيىنكىلىرىنىڭ 5 ، 6 ئايلىق كەچمىشلىرى قانداق بولدى ئۇلار بۇ زاۋۇتتا ئىشلەش جەريانىدا قانداق روھى ۋە جىسمانىي رىيازەتلەرنى چەكتى؟

بۇلارنى نۆۋەتتە لوڭفا ئاياق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى.

ئۇلار زاۋۇتلاردا تىل - ھاقارەتمۇ ئىشىتكەن ھەتتا بەزىلىرى كادىرلارنىڭ تايىقىنىمۇ يېگەن، ئەمما راھەتلىنىپ بىرەر ۋاق ياخشى تاماق يېيىشكە قادىر بولالمىغان.

ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن بالىلار ھەر خىل ئاغرىق - سىلاقلارغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، بەزىدە ئۇلار دوختۇرغا كۆرۈنمەيلا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان بولسا، ھەتتا ئوپېراتسىيە قىلىنغان قىزلارمۇ ئۆيىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان.

خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنى ۋە ئەمگەك توختام قانۇنىدا زاۋۇت - كانلاردا ئىشلەش ئەڭ تۆۋەن ياش چېكى 18 دەپ بەلگىلەنگەنلىكى مەلۇم. ئەمەلىيەت شۇنداق ئىكەن بۇ يەردە خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاي ئاساسى قانۇنى ياكى ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ ھالدا بالىلارنى ئەمگەككە سېلىش ئامىللىرى شەكىللىنىۋاتامدۇ قانداق؟

لوڭفا زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ يەرگە توشۇلۇش ۋە ئىشلەش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەرنى ئاڭلىغان خەلقئارا ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى، تەربىيىلەش پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئادرىيە، م بەرتونە خانىم بۇنىڭ تىپىك ئادەم بېدىكچىلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"بىرىنچىدىن بۇنى ئادەم بېدىكچىلىكى كاتېگورىيىسىگە ياتقۇزىدىغان ئەڭ ناچار تەرىپى بولسا بۇ بالىلار بۇ يەردىن كېتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس. ئىككىنچىدىن، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 18 ياشتىن تۆۋەن ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەمگەككە مەجبۇرلانغان بولۇپ، بۇ قورامىغا توشمىغانلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش كاتېگورىيىسىگە ياتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بۇ بالىلارنى بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇشتا مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان. ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ، ساغلام تاماق بېرىلمەسلىك، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە يول قويالماسلىقتەك شەكىللەردە دەپسەندە قىلىنىۋېتىپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارادا قوبۇل قىلىنغان ئادەم بېدىكچىلىكى كاتېگورىيىسىگە ياتىدۇ".

ئۇنداقتا ئادەم بېدىكچىلىكى دېگەن نېمە؟ ئادەم بېدىكچىلىكىنىڭ خەلقئارادىكى ۋە خىتايدىكى تەبىرى قانداق؟

ئادرىيە م بەرتونە خانىم مۇنداق دېدى : "ئىنگلىزچىدا ئادەم بېدىكچىلىكى دېگەن ئاتالغۇ ھەرىكەت مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ. ئەمما، باشقا قانۇنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشمۇ ئادەم بېدىكچىلىك قىلمىشلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، يەنىلا مەجبۇرلاش شەكلىنى ئالغان شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ ئادەم بېدىكچىلىكىگە ياتىدۇ."

ئادرىيە م بەرتونە خانىم يەنە، ئۇيغۇر بالىلىرى يولۇققان كەچمىشلەرنى، قورامىغا توشمىغان لارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرى ئىشلىتىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش قاتارلىق ئادەم بېدىكچىلىكى كاتېگورىيىسىگە ياتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنى دەستەكلەيدىغان خەلقئارالىق قانۇن - پەرمانلار بارلىقىنى ئەمما خىتاي قانۇنلىرىدا بەزى ئوخشىماسلىق بولۇش سەۋەبىنى بۇنىڭغا خىتايدا قانداق تەبىر بېرىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

بىز بەرتونە خانىمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بويىچە، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئادەم بېدىكچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بالىلارنى قوغداش ئىشخانىسى (ئۇنىئاپ) بېيجىڭ شەھىرىگە جايلاشقان ۋاكالەتخانىسىدىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىدۇق.

مەزكۇر ۋاكالەتخانىنىڭ دىرېكتورى دوكتور فېڭ جياڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتايدا بالىلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە ئىككى خىل ياش ئۆلچىمى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئادەم بېدىكچىلىكى ۋە قورامىغا توشمىغانلارنى زاۋۇتلاردا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارغا تەبىر بېرىشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مىزانلىرى شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئۆلچەمنى قوللىنىدىكەن.

" بىز ئادەم بېدىكچىلىكىگە تەبىر بېرىشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادەم بېدىكچىلىكى ۋە ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى ئۆلچىمىنى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىلەرنى قوللىنىمىز. شۇڭلاشقا بىز ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنى بالىلارنى ئىشلىتىش ياش چېكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قىستاۋاتىسىز."

لوڭفا ئاياق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر يولۇققان قىسمەتلەرنى ئاڭلىغان فېڭ جياڭ خانىممۇ بۇنىڭ ئادەم بېدىكچىلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" ئەلۋەتتە شۇنداق ! بىز بۇنى ئادەم بېدىكچىلىكى دەپ قارايمىز. بۇ بىر قانۇنسىزلىق" دېدى فېڭجياڭ خانىم.

ھالبۇكى، فېڭ جياڭ خانىم، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ يېزىلاردا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، "ھۆكۈمەت ئادەم بېدىكچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ" دېگەن سوئاللىرىمىزغا پەقەت " كەچۈرۈڭ ئۇنداق دېيەلمەيمەن" دېگەندىن باشقا كۈلكە بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

لوڭفا ئاياغ زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر بالىلار مەيلى چوڭ مەيى كىچىك ۋە مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاش قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ بالىلارنىڭ لوڭفا ئاياق زاۋۇتىدىكى بىر نەچچە ئايلىق كەچمىشلىرى ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى. ئانا مېھرىگە تولۇق قېنىپ بولالمىغان 16، 17 ياشلىق، ياكى ياشلىق بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان بۇ بالىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن " ئائىلىسىنى باي قىلىش" مەجبۇرىيىتى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى.

خاتىمە

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بالىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ زاۋۇتتا ئىشلەش مۇددىتى يەنە كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بالىلارنىڭ كېيىكنى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، باشقا زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى قانداق قىسمەتلەرگە يولۇقتى ۋە يولۇقماقتا؟ بۇ ھەقتە كېلەر قېتىمقى پروگراممىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.