يوھان لاگېركۋىست: «خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى يېڭى قۇللۇق ئىمپېرىيىسى»
2012.11.06
تەتقىقات تېمىسىغا بۇ ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقاتچىسى يوھان لاگېركۋىست يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شۋېتسىيە رادىئوسىغا بەرگەن مەلۇماتىدا «نوپۇسى زىيادە ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ ئافرىقىغا دېھقان ئېكسپورت قىلىشى»، «خىتاينىڭ ئافرىقىدا قۇللار ئىمپېرىيىسى قۇرۇشى»، «خىتاينىڭ خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقان سۇدانغا قورال سېتىشى» قاتارلىقلار غەرب ئاخباراتلىرىغا ھېچقاچان ئىجابىي تەسىر بەرگەن ئەمەس» دەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ھازىر ئافرىقىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى نۇرغۇن ئەپسانىلەر تارقالماقتا. سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ خىتايلارنىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدىكى نېفىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئافرىقىلىق رەھبەرلەرگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىشى، چىرىكلەشكەن دىكتاتورلارنى قوللىشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قەرز ۋە ياردەم بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئافرىقا دۆلەتلىرى بۇ پۇللارنىڭ ئىسىنىمۇ كۆرگىنى يوق، بۇ پۇللار بىۋاسىتە ھالدا ئافرىقىدىكى خىتاينىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرىگە كېتىۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئافرىقا دۆلەتلىرىدە يول، پارلامېنت بىنالىرى، تەنتەربىيە سارايلىرى، سىمۋول خاراكتېرلىك ئابىدە، ھەيكەل قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بەرگەن پۇللىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى پۇختىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، دېموكراتىيىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىشىمىز، پەقەت تاشقى دۇنيادىلا بولۇپلا قالماي يەنە، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىمۇ قوللاشقا ئىگە بولۇشى كېرەك، ئەمما بىر نەرسە ئېنىقكى، ئافرىقا خەلقلىرى، ئىقتىسادىي جەھەتتە مەيلى قانداق تەڭسىزلىككە دۇچ كەلسۇن ياكى سىياسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكى بوغۇلسۇن، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ھېچ كارى بولمايدۇ.»
شۋېتسىيە رادىئوسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىغا چوڭ مەبلەغ سېلىش بولۇپ، خىتاي ھازىرغىچە ئافرىقىدىكى 31 دۆلەتتە 26 كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى باشلىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئافرىقىدىلا خىتاي تىلى مەكتەپلىرىنى ئاچقان بولماستىن، يەنە زور تۈركۈمدىكى ئافرىقا ياشلىرىنى خىتايغا كېلىپ ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرغان.
«ئۇلۇغ ئېرا» تورىنىڭ شۋېدچە نۇسخىسىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئافرىقىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچ يىللىق پىلانى»نى يولغا قويغان بولۇپ، ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە 30مىڭ ئافرىقىلىقنى ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بىلەن تەربىيىلەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى يولغا قويۇشتا ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى تەشۋىق قىلىشنى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئەمما شۋېتسىيە رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى فرېدرىك ۋادسترۆمنىڭ بىلدۈرۈشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتاي تىلى مەكتەپلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى، ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىپ، تىل ئىمپېرىئالىزمى بىلەن ئافرىقىنى خىتاي تىلى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىكەن.