ئالىم سېيىتوف: "ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلە"
2011.01.20

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى. رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوبامانىڭ سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىنى كۈتكەن ئىدى.
19-يانۋار ئاقسارايدا ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان سۆھبىتى ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پرېزىدېنت ئوباما خۇ جىنتاۋ بىلەن خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى، ئەقلى مۈلك ھوقۇقى، سودىدىكى تەڭسىزلىكنى تۈزىتىش، شىمالىي كورىيە ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلغان، تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخباراتلار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كۈتكەندەك ئۇيغۇر مەسىلىسى رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بىز ئەپسۇسلاندۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق" دېدى.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.