0:00 / 0:00
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق كومىتېتى 2010-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سۆھبىتىمىزنىڭ مەزمۇنى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا يارالغۇسى نەتىجىلەر، مۇستەقىللىق ۋە ئالىي ئاپتونومىيە مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.