0:00 / 0:00
بۇ قارار 5 - فېۋرال كۈنى ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلدى. 4 - فېۋرال كۈنى بولسا، باۋارىيە پارلامېنتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ رەسمى بىر ئىلتىماسىنى ساقلايدىغانلىقى توغرۇلۇق قارار ئالغان ئىدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنى بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار قاپلىدى.
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن بۇ توغرىسىدىكى ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولىسىلەر.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.