ئامېرىكا ئىقتىسادى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنمەكتە

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010 - يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۆرلەش باسقۇچىغا كىرگەن.

0:00 / 0:00

ئىقتىسادى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ مەلۇمات، 2007 - يىلدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 2009 - يىلى 12 - ئايغا كەلگەندە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىپ، ئىستېمال بازىرىدا ئۆرلەش ئىپادىلىنىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن يەكۈنلەنگەن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئا د پ نامىدىكى شىركەتلەرگە خىزمەتچى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ 2009 - يىلى 12 - ئايدىكى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان خىزمەتچىلەر سانى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە 2009 - يىلى 12 - ئاي ئىچىدە شەخسىي شىركەتلەر قىسقارتقان خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 84 مىڭ نەپەرگە يەتكەن. بۇ سان 2009 - يىلى 11 - ئاي مەزگىلىدە ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان 145 مىڭغا سېلىشتۇرۇلغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە بۇ سانلىق مەلۇمات شىركەتلەر خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشنى باشلىغان 2008 - يىلى 3 - ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەت ئىكەن.

ئامېرىكا ئەمگەك مۇلازىمەت مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بولسا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئەمگەك بازىرى ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى توممي لېئې ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، "2009 - يىلى 12 - ئاي مەزگىلىدە ئەمگەك بازىرىدا 40 مىڭ كىشىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولدى ، ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى ھەم خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى كۆپەيتىلدى، بۇ ئاي ئىچىدە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئىلتىماس قىلغانلار سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بىز ئادەتتە تەكىتلەۋاتقان ئەمگەك بازىرىدىكى ياخشىلىنىشتا ئىپادىلىنىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى 12 - ئايلىق سانلىق مەلۇماتتا ئەكس ئەتتى،" دەپ كۆرسەتكەن.

كەسپى مۇلازىمەت شىركىتى س گ س نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك بازىرىدا ياخشىلىنىش بولغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلتۇر 12 - ئاي مەزگىلىدە ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىشتىن بوشاتقان خىزمەتچىلەر سانى 45 مىڭ 94 نەپەر بولغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇر 11 - مەزگىلىدىن 10% ئازايغان. بۇ، 2007 - يىلى 12 - ئايدىن بۇيانقى ئىقتىساد چېكىنىشكە باشلىغان مەزگىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سان ھېسابلىنىدىكەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا ئىستېمال بازىرىدا بۇلتۇر 12 - ئاي مەزگىلىدە مال سېتىۋالغۇچىلار سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، مال سېتىۋېلىش نىسبىتى 17.7% ئاشقان، بۇ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سېتىۋېلىش نىسبىتىدىن 2% ئاشقان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىمۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ئۆرلەش بولغان.

ئامېرىكا دۆلەت بايلىقى بانكىسىنىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسى ئادام يوركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىستېمال بازىرىدىكى بۇ ئۆرلەش ئۆتكەن 6 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى مەلۇمات بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت بازىرىدىنمۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي مۇلازىمەت جەمئىيىتى ئى س م نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ماگىزىنلارنىڭ مال كىرگۈزۈش نىسبىتى بۇلتۇر 11 - ئايدىكى 48.7% نىسبەتتىن دىن 50.1% نىسبەتكە ئۆرلىگەن بولۇپ، مال كىرگۈزۈش نىسبىتىنىڭ 50 تىن يۇقىرى بولۇشى ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنىڭ بىشارىتى ئىكەن.

يېڭىدىن باشقا مۇلازىمەت ساھەلىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 41.6% تىن 44% كە يەتكەن. 2008 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ مۇلازىمەت ساھەلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 50% تىن تۆۋەن بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر بۇ نىسبەت ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ.

ئامېرىكا دۆلەت بايلىقى بانكىسىنىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسى ئادام يورك بۇ يىللىق ئىقتىسادقا باھا بېرىپ، 2009 - يىلنىڭ 4 - پەسلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 4% تىن 5% كىچە ئۆرلىگەنلىكىنى، مۇشۇ بويىچە مۆلچەرلىگەندە 2010 يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىدا 2% ئەتراپىدا ئۆرلەش بولىشى مۇمكىنلىكىنى ، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەك بازىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭمۇ ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.