ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالىشىش مۇنازىرىسىدە خىتاي مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىندى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.11.23
2011.11.23

AFP
خىتاي جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ بىر قانچە قېتىملىق بەس - مۇنازىرىلىدىكى تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تۈنۈگۈنكى بەس - مۇنازىرىسىدە بەزى نامزاتلار يەنە خىتاينى تەنقىد قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كېلەر يىلقى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشنى تالىشىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ تېلېۋىزىيە بەس - مۇنازىرىلىرىدە ئامېرىكا خىتايغا قانداق سىياسەت تۇتۇشى كېرەك، دېگەن مەسىلە نۇقتىلىق تالاش - تارتىش قىلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نامزاتلار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلسە ۋە كېلەر يىلقى سايلامدا پرېزىدېنتلىققا سايلانسا، خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت تۇتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسى نامزاتلىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان بەس - مۇنازىرىسىدە بەزى نامزاتلار خىتايغا ھۇجۇم قىلىپ، كوممۇنىستىك خىتاينىڭ « ئەخلاقلىق» دۆلەت ئەمەسلىكى ۋە چوقۇم «تارىخنىڭ ئەخلىتى» گە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بەزى نامزاتلار خىتاينى ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان ئەڭ زور تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى. سەيشەنبە كۈنكى بەس مۇنازىرە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامىدىن كېلەر يىلقى سايلامغا قاتنىشىدىغان پرېزىدېنت نامزاتىنى تاللاش سايلىمى ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالغان، جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلار ئارىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشكەن پەيتتىكى بەس - مۇنازىرىلەرنىڭ بىرىدۇر.
سەيشەنبە كۈنكى بەس مۇنازىرىدە تېكساس ۋالىسى، جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ بىرى رىك پېرىي خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بىخەتەرلىك ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى كۈشەندە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئامېرىكىغا قارشى تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پېرىي كوممۇنىستىك خىتاي چوقۇم تارىخنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئۇ، « رونالد رېگاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىدۇ، دېگەن بىر سۆزى بار. ئۇ بۇ سۆزنى توغرا ئېيتقان. مەنمۇ كوممۇنىستىك خىتاي چوقۇم تارىخنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇ ئەخلاقلىق دۆلەت ئەمەس. ئۇ ھەر كۈنى 35 مىڭ ئايال بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىدىغان بىر ئەلدۇر. بۇ يەردە يەنە تور بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بۇنىڭدا قولى بار. بۇ مەسىلىلەر بىز بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك زور ئەخلاقىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالىشىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ بىرى، سابىق ماسساچۇسېتس شتاتى سابىق ۋالىسى مىت رومنېي ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي تەھدىتنىڭ ئىران بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مەزگىللىك ئەڭ زور تەھدىتنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىت رومنېي بۇ قېتىمقى بەس مۇنازىرىدە خىتاي ھەققىدە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق تېلېۋىزىيە بەس - مۇنازىرىسىدە ئۆزىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق شەرھلىگەن.
ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارا قائىدە - نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مىت رومنېي ئەسكەرتىپ، « ئۇلار قائىدە نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك. ئۇلار بىزنىڭ كومپيۇتېرلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىسا، ئەقلىي مۈلك پاتېنتىنى ئوغرىلىسا ئۇنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپچىقىرىپ دۇنياغا ساتسا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پۇل كۇرسىنى مونوپولىيە قىلىپ، مەھسۇلات باھاسىنى باشقىلاردىن ئەرزان قىلىۋالسا بولمايدۇ. بىز خىتايغا ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشاشلا قائىدە نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلانسا خىتاينى پۇل كۇرسىنى مونوپول قىلىۋاتقان دۆلەت، دەپ ئېلان قىلىپ، د س ت دا سوتقا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بەزى ئانالىزچىلار، پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان جۇمھۇرىيەتچى نامزاتنى تاللاش سايلىمىدىكى بەس - مۇنازىرىلەردە خىتاي مەسىلىسىنىڭ ئىزچىل تالاش - تارتىش تېمىسى بولۇپ قېلىشى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىختىلاپ ۋە ئۇنىڭ ھەربىي، ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى تەھدىتى بىلەن ئالاقىدار، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى دوكتور قاھار بارات بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.
جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، قانداق مەسىلىلەرنى ئالدى بىلەن قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى پىكرى بىردەك بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدىكى پىكرى بىردەكلىككە ئىگە. بىراق دوكتور قاھار بارات، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان خىتاي سىياسىتىدە درامماتىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھاۋايدا چاقىرىلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق يىغىنى، ھىندونېزىيىدە چاقىرىلغان ش ج ئا ئى يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ جەرياندا يەنە ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئاۋسترالىيىدە ھەربىي بازار قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئانالىزچىلار، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ كېلىشى خىتاينىڭمۇ رايوندىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىر كۈچىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
دوكتور قاھار بارات، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي رىقابەت باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كېلەر يىلقى سايلامدا مەيلى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى غەلىبە قىلسۇن ۋە ياكى دېموكراتلارنىڭ نامزاتى پرېزىدېنت ئوباما غەلىبە قىلسۇن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەڭشەپ، سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.