ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى (قەرز تۆلەش ئىناۋىتى) تۆۋەنلىتىلگەنلىكى دۇنيانى تەۋرەتتى
2011.08.08

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، زايوم (دۆلەت قەرزى) مىقدارىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆرلىتىش ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتىدىكى قىزىل رەقەمنى كەملىتىش قارار لايىھىسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ لايىھىگە ئىمزا قويۇپ قانۇنغا ئايلاندۇرغان ئىدى. دۇنيا بويىچە پۇل-مۇئامىلە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شىركەت دەپ تونۇلغان ستاندارد ۋە پۇر شىركىتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى (قەرز تۆلەش ئىناۋىتى ياكى مەجبۇرىيىتى) نى قايتىدىن باھالاپ، ئەسلىدىكى AAA دەرىجىدىن AA+ دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتتى. بۇنىڭدىن دۇنيادا ئامېرىكا بىلەن پۇل مۇئامىلىسى بار ھەر قانداق دۆلەت قاتتىق تەۋرىمەي قالمايتتى. ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى (قەرز تۆلەش ئىناۋىتى ياكى مەجبۇرىيىتى) نىڭ دەرىجىسىگە بېرىلگەن بۇ نوپۇزلۇق باھاغا، كۆپىنچە دۆلەتلەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. ئەمما خىتاي ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى تۆۋەنلىتىلگەنلىكىدىن قاتتىق بىئارام بولدى.
مەخسۇس پۇل-مۇئامىلە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پور شىركىتى 1860-يىلى قۇرۇلغان، ئۇ، 1941-يىلى ستاندارد شىركىتى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، بۇ چوڭ شىركەت پۈتۈن دۇنيادىكى پاي بازارلىرىدا بىر مىڭ ئىككى يۈز ئىندېكس (كۆرسەتكۈچ) بەرپا قىلدى. بۇ شىركەت 1975-يىلىدىن كېيىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچى شىركەتكە ئايلاندى.
بۇ شىركەت يېقىندا، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئوباما ھۆكۈمىتى كېلەر ئون يىل ئىچىدە ھۆكۈمەت خىراجىتىدىكى قىزىل رەقەمنى 4 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى كاملىتىدىغان خامچوت تۈزمەي، ئاران 2 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كاملىتىدىغان خامچوت تۈزۈپ ئىمزا قويغان پاكىتقا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى (قەرز تۆلەش ئىناۋىتى ياكى مەجبۇرىيىتى) نىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ باھا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى (قەرز تۆلەش ئىناۋىتى ياكى مەجبۇرىيىتى) تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، ۋاشىنگتوننىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ئىدى. پۈتۈن ئويرو رايونلىرى بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئادا قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە كىرىشتى.
ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيىلەر بۇنىڭدىن بەك تەساددىپىلىق ھېس قىلمىدى. ياپونىيە يەنىلا ئامېرىكا زايومىغا ئىشەنچى بارلىقىنى ئىپادىلىدى. ياۋروپا بىرلىكى، رۇسىيە، فرانسىيىلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ كرېدىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەنلىكىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرى، بۇ تەسەۋۋۇردىكى مەسىلە ئىدى، دېدى. فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى، ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇزۇلماس ئاساسى بار ئىقتىساد ئىكەنلىكىگە، ئامېرىكا دوللىرى بۇ «قېيىن ئۆتكەل»دىن چوقۇم ئۆتۆپ كېىتىدىغانلىقىغا ھەر جەھەتتىن ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى (قەرز تۆلەش ئىناۋىتى ياكى مەجبۇرىيىتى) نىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەنلىكىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەتتا ، ئامېرىكا ئۆزى پەيدا قىلغان پاتقاقتىن، پۇل قەرز ئېلىپ ئۆزىنى قۇتقىزىۋېرىدىغان دەۋر ئاللىقاچان بارسا-كەلمەسكە كەتتى، دەيدىغان قوپال باش ماقالە ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنمۇ، ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى (قەرز تۆلەش ئىناۋىتى ياكى مەجبۇرىيىتى) نىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەنلىكتىن، خەلقئارا بازاردا پاتىپاراقچىلىق بولۇشقا باشلىدى، ئاسىيا پاي بازىرى كاساتلاشتى، دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.