'ئامېرىكىدا سىياسەتچىلەرگە بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلىمەكتە'

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" دە ئامېرىكا خەلقىنىڭ، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ماقالىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىككىلەنمەستىن ئاشكارىلاشنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى توغرا يۆنۈلۈشكە باشلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى، خىتايدا سىياسەتچىلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنىڭ ئىمكانىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.02.25

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "ئامېرىكىدا سىياسەتچىلەرگە بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلىمەكتە" دېگەن ماقالىدە، ئامېرىكىدىكى سىياسەتچىلەرگە نىسبەتەن، خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ كۈنسېرى پەسىيىپ كېتىۋاتقانلىقى بولۇپمۇ، دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي بىر خىزمەت ئىشلەپ بېرەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەر بايان قىلىنغان.

ماقالىدە، خەلقنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىككى مۇھىم سىياسىي كۈچ - جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە بىلەن دېموكراتىك پارتىيە ئۈستىدىن ئاشكارا نارازى ئىكەنلىكى، سىياسەتچىلەرنى پەقەت سايلام ئۆزىگە قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خەلق ئۈچۈن باش قاتۇرمايۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭ بىلەن تەڭ، يەنە بىر قىسىم پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ قايتا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامغا قاتناشماسلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرمۇ ماقالىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئىندىئانا شىتاتىدىكى دۆلەت مەجلىسى ۋەكىلى ئېۋان باي ئەپەندى مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ مەقسىتىم، مېنى ۋەكىلى قىلىپ سايلىغان خەلقىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى ئەنە شۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بېغىشلىغانمەن، ئامما مەن دۆلەت مەجلىسىدە يەنە داۋاملىق تۇرالمايمەن، چۈنكى دۆلەت مەجلىسى ھازىر ھىچ بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قالدى."

دۆلەت مەجلىسى ۋەكىلى ئىۋان باينىڭ سايلامغا قاتناشماسلىق قارارى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئادۋوكات نۇري تۈركەل ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ نورمال بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماقالىدە يەنە ئامېرىكا خەلقىنىڭ، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن زىرىككەنلىكى تەكىتلىنىپ، باراك ئوبامانىڭ " ۋاشىنگتوندىكى گۇرۇھلارنىڭ بىر - بىرىنى يوقىتىش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان كرىزىستىن قۇتۇلۇپ چىقىش مەسىلىسگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى، ئىشسىزلىققا ئوخشاش خەتەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكى " ھەققىدىكى سۆزىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

بۇنىڭ ئەكسىچە دېموكرات پارتىيىنى "ئوباما ۋە دېموكراتچىلارنىڭ كۆزى قارغۇ، قۇلىقى گاس" دەپ تەنقىد قىلغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم پرايىسنىڭ "ئامېرىكا ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مەيدانغا ناھايىتى ياخشى تەكلىپلەر بىلەن چۈشكەنلىكى، بىراق ئۇلارنىڭ مەزكۇر پىكىرىگە قارىتا ھېچكىم ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكى" ھەققىدىكى سۆزلىرى بايان قىلىنىپ، سىياسەتچى مېت داللېكنىڭ" : نۆۋەتتە بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانۇنچىلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا بىرلىككە كېلىشى تولىمۇ قېيىنلاشتى " دېگەن سۆزى ۋە قانۇنشۇناس بوب ئېدگارنىڭ " بىزنىڭ سىياسەتچىلىرىمىز بەكمۇ پارتىيەۋاز بولۇپ كەتتى، بۇرۇن دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەمكارلىشىپ بىرگە خىزمەت قىلاتتى، ھازىر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىشتىن باشقا ئىش يوق" دېگەن سۆزلىرى ماقالىدە يەر ئالغان.

قانۇنشۇناس بوب ئېدگار يەنە، 1970 ‏- ۋە 1980 ‏-‏- يىللاردىكى ئامېرىكا ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ": گەرچە ئۇ دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان پارتىيىلەر ئارىسىدا پەرقلەر بولسىمۇ، پارتىيىلەر سايلام ئاياقلىشى بىلەن تەڭ، ئۆز - ئارا بىرلىككە كېلىپ خىزمەت ئېلىپ باراتتى، بولۇپمۇ خەلق ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قوياتتى " دەپ كۆرسەتكەن.

ئادۋوكات نۇرىي ئەپەندى، قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇكەممەل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىياسىي سىستېمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھەر قايسى قاتلاملار ئوتتۇرىسىدا باراۋەر ئاساستا ھوقۇق ئىمتىيازلىرىغا ئىگە بولۇشتەك دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى بۇ خىل مۇكەممەل سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ خىتايدا يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.