ۋەتەن ئىچىدىكى بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىنىڭ ئىنكاسى‏: ' 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ غورۇرىنى كۆتۈردى'

ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇپ مەلۇمات يوللىغان بۇ ئىنكاسچى كىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھ ھالىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقتىن ئومۇميۈزلۈك شىكايەتچى، ئەمما بۇ رېئاللىققا تۇتىۋاتقان پوزىتسىيىسى ئوخشاش ئەمەس.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.11.03
Qeshqer-uyg-eskerler-matem-305 4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﯩﺴﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. 2000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ AFP ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
AFP Photo

بۇ ئىنكاسچى كىشى يەنە: " بىر قىسىملىرى رېئاللىقتىن قېچىش پوزىتسىيىسىنى تۇتىۋاتىدۇ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ۋە كەيپى - ساپاغا بېرىلىش مانا بۇنىڭ ئىپادىسى. يەنە بىر قىسمى، بەدىلى نېمە بولسا بولسۇن رېئاللىققا ئىسيان كۆتۈرۈۋاتىدۇ، 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى بۇنىڭ بىر مىسالى، ئەمما كۆپ قىسمى بولسا سۈكۈت ۋە كۈتۈش پوزىتسىيىسى تۇتىۋاتىدۇ،" دىدى.

بۇ ئىنكاسچى كىشى، 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغاندا، ۋەقەنى، "ئۇيغۇرلارنىڭ غورۇرىنى كۆتۈرگەن ۋەقە،" دەپ بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ئىنكاسچى كىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.