ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قەدىمىنىڭ تېزلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئاقسۇ ۋىلايىتى بولۇپمۇ ئاقسۇ شەھىرى تەۋەسىدە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ياكى ئازغىنا تۆلەم بېرىپلا ئىگىلىۋېلىش قەدىمىنىڭ تېزلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.09
Aqsu-shehridiki-heykel-305.jpg ئاقسۇ بازىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلغان ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىر جۈپ ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلى.
dostum.wordpress.com

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سابىق يېزا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ ئىگەچى يېزىسىدا 2006-يىلىدىن بۇيان يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ سانى 3 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئازغىنا تۆلەم بىلەن تارتىۋېلىش قىلمىشى 2010-يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ ئارىسىدا ئاچ قالغانلارمۇ بار ئىكەن.

يەر مەسىلىسىدىكى ناھەقچىلىك تۈپەيلى ئاقسۇ ئىگەچى يېزىسى مەلۇم بىر كەنتتىكى كادىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر كادىر ئوز پىكرىنى بايان قىلدى.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى يەر ماجىراسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئېلىۋالغان بەزى يەرلەرنى 10 ھەسسە يۇقىرى باھادا خىتاي سودىگەرلىرىگە سېتىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى تۆۋەن باھادا ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىشلىرى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاقسۇنىڭ شەھەر ياكى ناھىيە بازارلىرىغا يېقىن جايلاشقان تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن يولغا قويۇلغان قاراتمىلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن كېيىن تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن.

ئەجدادلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان مەزكۇر تۇپراقتا تىرىكچىلىك قىلىپ، يۇرت-ماكانىنى ياۋلاردىن قوغداپ، گۈللەندۈرۈپ كەلگەن بۇ ئەزىزلەر ئەمدى ئاتا مىراس زېمىنلىرىدا ماكانسىز، ئىشسىز ھەتتا ئەتراپىدا مۇنبەر يەرلىرى تۇرۇپمۇ ئاچ قېلىشقا ۋە ياكى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان.

بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.