ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ش ت ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررور تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش تەكلىپى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى بىر تارماق كومىتىت يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ 2002 - يىلى قارار ماقۇللاپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپلا تېررور تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلەپ بۇنىڭ تۈزىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

0:00 / 0:00

2002 - يىلى بۇش ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىOpens in new window ]

تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بولسا ھەم گۈەنتانامودىكى بالىلارنىڭ بىر قىسمى ئەركىنلىكىگە ئېرىشتى، ھەم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقى تەنقىد قىلىنىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بۇنى تېررور تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى پىكىر - تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

ئۇنداقتا بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررور تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ بۈگۈنگە كەلگەندە ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررور تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنىڭ تالاش - تارتىش قىلىنىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ بىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىز ئالدى بىلەن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن بولدى. ئاندىن كېيىن، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بۇنداق بىر پېكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابىي بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنداقلا، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە ئاسانلىقچە تېرورچى قالپىقى كىيدۈرۈلمەيدىغانلىقىنى تېكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.