ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاياللار ۋە قىزلار مەسىلىسىگە مەسئۇل بىر ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نيۇيوركتىكى باشلىقلار يىغىنىدا يەر شارى ئاياللار ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دائىر بىر پروگرامما ئېلان قىلىدىكەن. مەزكۇر ئەمەلدار يەنە، خىتايدا ئەر -ئاياللار نىسبىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئاياللار ھوقۇقىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك" دېگەن.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيە مەركىزى سەيشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دائىر مەسىلىلەردىكى پىكرىنى ئالدى. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاياللار ۋە قىزلار مەسىلىسىگە مەسئۇل باش ئەلچىسى مېلاننې ۋەۋېر خانىم سۆز قىلىپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان يەر شارىدا ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۈكسىلىشكە باشلىغانلىقىنى، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ "ئەسىرلىك تەرەققىياتى پىلانى"نىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەسسە قوشۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا يەر شارىدىكى سالامەتلىك ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشكە دائىر بىر ئىستراتېگىيىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، يەر شارى مىقياسىدا ئاياللار ھوقۇقى ۋە قىز - ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بۇ ئىستراتېگىيىدىكى نېگىزلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ "بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نېگىزى ئاياللارغا ۋە قىزلارغا سېلىنمىنى كۆپەيتىشنىڭ، بىزنىڭ تەرەققىيات پىلانىمىزنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر" دەيدۇ.
مېلاننې ۋەۋېر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاياللار يەر شارى نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئاران 5 دەن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ، دۇنيادىكى مەكتەپسىز قالغان بالىلارنىڭ 3 دەن 2 قىسمىنى قىزلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، ساۋاتسىزلارنىڭ 75 % ى ئاياللار ئىكەنلىكى، شۇڭا ئاياللار مائارىپىنى ئالغا سۈرۈش ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئىقتىسادى ئورنىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېلاننې ۋەۋېر خانىم نۇتىقىنىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرلار ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئىشتىراكچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئائىلە پىلانلاش فوندىغا ياردەم بېرىش مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمى، بۇ تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي مەسىلە ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشنى تەنقىدلەپ، "شۈبھىسىزكى ھامىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئاياللار ھوقۇقىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىكتۇر. بۇ مەسىلىنى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم، بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا پرېزىدېنت خانىمى بولغان تۇرغان مەزگىللىرىدە بېيجىڭدىكى دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە ناھايىتى قاتتىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى،" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەنزۇلارغا 1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈزگۈرۈشكە باشلىغان. بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1987 - يىلى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەت كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا شەپقەتسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈلگەن. بۇ سىياسەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرىنى مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىپ، رايوندا خىتايلارنىڭ سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋاستىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
مېلاننې ۋەۋېر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بىر پەرزەنتلىك تۈزۈم ۋە خىتايدىكى ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارنى كەمسىتىش ئادىتى خىتايدا قىز -ئوغۇللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە مەسىلە ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارغا سەل قاراش ئادىتى خىتاي نوپۇسنىڭ دىموگرافىك قۇرۇلمىسىدا مەسىلە پەيدا قىلدى. خىتايدا ئاياللار نوپۇسىدىن ئەرلەر نوپۇسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ناھايىتى جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇنى شۈبھىسىزكى خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتى پەيدا قىلغان".
خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بۇرۇن ئىزچىل تۈردە ب د ت ئائىلە پىلانلاش فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەن. ئامېرىكا بولسا مەزكۇر فوندىنى پۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت ئىدى. لېكىن ئامېرىكىدا 2001 - يىلى بۇش تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، ب د ت ئائىلە پىلانلاش فوندىغا پۇل بېرىشنى توختاتقان.
بىراق، پرېزىدېنت ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ب د ت ئائىلە پىلانلاش فوندىنى پۇل بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. مېلاننې ۋەۋېر خانىم، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى ئاقلاپ، "سىزمۇ بىلگەندەك، پرېزىدېنت ئوباما ب د ت ئائىلە پىلانلاش فوندىغا پۇل بېرىپ، ئۇنىڭ نۇقتىلىق ھالدا دۇنيا مىقياسىدىكى ئائىلە پىلانلاش ئىشلىرىنى بېجىرىشىگە ياردەمدە بولۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. لېكىن، بىز خىتاينىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ياكى ب د ت ئائىلە فوندىنىڭ خىتايدا يولغا قويغان پروگراممىسىنى پۇل بىلەن تەمىنلىمىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ب د ت ئائىلە پىلانلاش فوندىنىڭ خىتايدا يولغا قويغان پروگراممىسىغا ئاجرىتىلغان پۇلنىڭ مىقدارى بولسا ناھايىتى ئاز" دەپ كۆرسەتتى.
ۋەۋېر خانىم يەنە، ب د ت مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر پروگراممىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھامىلدار ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى ياكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلارنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىغا دائىر پاكىت تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.