ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ھەققىدە يەنە سوت ئېچىلدى

ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ سوتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىر قانچە ئايدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان قىزىق تىمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈن 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.08.28
babur-mehsut-305.jpg ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇت. 2007-يىلى 7-ماي.
RFA/Yalkun

سوت ستوكھولىم ۋاقتى سائەت 12 دە باشلىنىپ 1 دە ئاخىرلاشتى. سوت ئېچىشنى گۇماندار بابۇر مەخسۇتنىڭ ئادۋوكاتى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئادۋوكات سوتتا شىۋېتسىيە قانۇنى بۇيىچە گۇماندارنى ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، گۇماندارنى ئائىلىسىگە قويىۋېتىپ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سوت بابۇرنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ تەلىپىنى ۋە بابۇرنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل باش تەپتىشنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، سوتچى سوت ھۆكۈمىنى ئوقۇپ ئۆتتى. سوتچى شىۋېتسىيە قانۇنى بۇيىچە گۇماندارنى يەنە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى، سوت ئاخىرلاشقان ھامان ئۆيىگە قايتىپ داۋاملىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بىر قانچە شەرتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

گۇماندار بابۇر مەخسۇت شىۋېتسىيە قانۇنى بۇيىچە ھازىردىن باشلاپ ئەركىن، ئەمما نازارەت ئاستىدا داۋاملىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ. بابۇر مەخسۇتنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، ستوكھولمدىن سىرت جايلارغا بېرىشى چەكلىنىدۇ. ھەر ھەپتىدە 3 كۈن يەنى دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى كىچىككەندە كەچ سائەت 5 تىن بۇرۇن ساقچىغانىغا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. كىلەر قېتىملىق سوت 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 11 دە ئېچىلىدۇ.

سوت جەريانىدىن مەلۇم بولۇشچە ، ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمىنىڭ كېچىكتۈرۈلۇشى، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ، چېتىشلىق دائىرىسى كەڭرى، بەزى مەسىلىلەر ئىنچىكە بولغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەقىقلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشچە، گۇماندار بابۇر مەخسۇتنىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتى يالغۇز شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتېرىيالىنى خىتاي كونسۇلىغا يەتكۈزۈش بىلەن چەكلەنمەستىن يەنە ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىمۇ يەتكۈزۈشكە چېتىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.