ئەتىگەن سائەت10.30 دا باشلانغان بۇ پائالىيەتكە 30 دىن ئارتۇق باشقا مەكتەپلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پاراتتىن ئۆتتى.
بۇ پائالىيەت جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدە يىللاردىن بىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە سەنئەت مەدەنىيىتىنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە ھەم شۇنداقلا كۆپلىگەن مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى بىر شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
پائالىيەتكە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە مائارىپ مىنىستىرى ھۈي ۋەنلى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى مائارىپ مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئىچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
ئۇيغۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر يىللاردىكىدەك بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى ۋە رەڭدار مىللىيچە كىيىملىرى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇلار شوخ ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، ئۆز تالانتلىرى ۋە جاپالىق مەشىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاۋسترالىيە خەلقىگە تونۇشتۇردى.
پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى پائالىيەتتىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
30 دىن ئارتۇق مەكتەپنىڭ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشى بىلەن باشتىن -ئاخىر ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە ئاياغلاشتى.