بارىن روھى 22 ياشقا تولدى

ئارىدىن 22 يىل ئۆتتى، بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەن يىللىرى تۇغۇلغان يېتىم بوۋاقلار ياش بولۇپ يېتىلدى. بارىن دېھقانلار ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، جازالاش ھەرىكەتلىرىنى بىر قانچە يىللاپ داۋاملاشتۇردى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.04.05
Barin-basturulghan-Uyghurlar.jpg خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم يېزىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا. 1990-يىلى ئاپرېل.
news.boxun.com / Wang Lixiong

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردا ئېلىپ بارغان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي ئۆگىنىش، مەزكۇر قوزغىلاڭ ۋە قوزغىلاڭچىلارنى قارىلاش، تەنقىدلەش ھەرىكەتلىرى ھەمدە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى گەرچە بارىنلىقلارنى، ئۆز يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن بۇ قوزغىلاڭ ۋە باستۇرۇش ھەققىدە سۆز ئاچماسلىققا مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەت ياقىدىكى بۇ كىچىك يېزىدا يۈز بەرگەن بۇ پەۋقۇلئاددە ۋەقە ۋە شۇ دەۋر ئۇلارنىڭ چەككەن رىيازەتلىرى بارىنلىقلارنىڭ يادىدىن ھېچ چىقمايدۇ. بارىن ئىنقىلابچىلىرى، شېھىتلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۈچلۈك پەخىر ۋە چوڭقۇر ئېھتىرام تۇيغۇلىرى بىلەن ئەسلىنىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە بارىن دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە تارقاتقان دوكلاتلىرى، ۋە بارىن ۋەقەسى شاھىتلىرىنىڭ ئاشكارىلانغان مەلۇماتلىرىدا ئوخشاشلا بارىن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى زەيدىن يۈسۈپنىڭ بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە خىتاب قىلىپ «....ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ، يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرۈۋېتىلدى، بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلانمامدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلمايدۇ؟... ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي، بىز ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇڭلار دېگەندىن كۆرە خىتايلارنى كەلتۈرمىسە بولمامدۇ...؟ بىز كۈرەش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك.... پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن، خەلقىمىز ئۈستىدىكى سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن. خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، ئېزىشكە، يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز....» دېگەندەك تەلەپلەرنى قويغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلىق كۆرسىتىلگەن.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بارىن ئىنقىلابى ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىدا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دەستەك قىلغانلىقىنى ئېيتىش ئارقىلىق، بۇ قوزغىلاڭنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىشخالىيىتى ۋە زۇلۇملىرىغا قارشى نارازىلىقنىڭ پارتلىشى ئىكەنلىكىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بارىن يېزىسىدا ساق قالغان ئاياللاردىن 65 ياشتىن ئاشقان بىر ئانىنىڭ 22 يىل بۇرۇن يەنى ئەينى ۋاقىتتا ئۆز يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىلار ھەققىدە قىلغان بايانلىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ خىتاپلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئورتاق نارازىلىق نىداسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى :

مانا ئارىدىن 22 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ۋاقىت، خىتاينىڭ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي ۋە دىنىي، روھىي بېسىملار، بارىنلىقلار قەلبىدىكى خاتىرىلەرنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى، ئۇلارنىڭ تاتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى يۇيىۋىتەلمىدى.

بارىن يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ياشانغان ئانىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، بارىن ئىنقىلابى پارتلىغان چاغ، ئۇ كۆزى يورۇشقا ئازلا قالغان كۈنلەر بولۇپ، ئەمما خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ بالىسىغا ۋە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قېلىشىدىن قورقۇپ، تالاغىمۇ چىقالماي ئۆيدە يۇشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولغان چاغلار ئىكەن، خىتاينىڭ ئاشۇ قانلىق باستۇرۇشلىرىدىن مۆجىزىدەك ساق قالغان بوۋىقى مانا 22 ياشقا تولۇش ئالدىدا ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بارىن دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان بارلىق سىياسىي ۋە قوراللىق كۈرەشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تەشكىللىك، سىستېمىلىق، تەلتۆكۈس ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق قوزغىلاڭ دەپ باھا بەرگەن ئىدى، مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ئىنقىلابنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەم كېيىنكىلەرنى تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.