بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 65 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق تەكىتلەندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمۇن ب د ت نىڭ 65 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن رەھبەرلەرگە ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا، دۇنيا دۆلەتلىرىنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

ئۇ سۆزىدە، ب د ت نىڭ يادرو قوراللىرى ۋە نامراتلىقتىن خالىي، تېخىمۇ يېشىل ۋە تېخىمۇ بىخەتەر بىر دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ "تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۈچەيتىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك،" دېگەن.

باش كاتىپ بان كىمۇن سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ "ئادالەت بولماي تۇرۇپ، تىنچلىق بولمايدۇ. مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، قانداقلىكى دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم جازاغا تارتىلىدۇ" دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيىسى ئۈچۈن مۇھىم سورۇنغا ئايلاندى. دۇنيا ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش ،يىغىننىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە ئايلاندى.

يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، دۇنيادىكى نامراتلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى نۇتقىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەۋرەنمەس ئىدىيىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "دۇنيادا ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەر بىر ئادەم ئۆز ھاياتىدا ئەركىنلىككە، ئادالەتكە ۋە تىنچلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەخلاقىي ۋە ئەمەلىي بىر مەجبۇرىيەتتۇر. خۇددى روبېرت كېنندىي ئېيتقاندەك، ھەرقانداق بىر گۇرۇپپا، تەشكىلات ۋە دۆلەت خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان قىممەتلىك ئىنساننىڭ مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. بىز تەجرىبىلىرىمىزنى چىقىش نۇقىتىسى قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق ئېيتالايمىزكى، پۇقرالىرىنىڭ يۇقىرىدىكى ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلار بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز، شېرىكىمىز؛ ئەمما ئۇنى رەت قىلغان ھەرقانداق تېررورچىلار گۇرۇپپىلار ۋە زوراۋان ھۆكۈمەتلەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر!"

ئوباما سۆزىنىڭ داۋامىدا، دۇنيادا زوراۋانلىقنىڭ، زۇلۇمنىڭ تېخى ئاياغلاشمىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى نامرات دۆلەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "ئىنسانىيەتنى ئېنېرگىيە ۋە ئىجادچانلىقتىن مەھرۇم قىلىدىغان يېپىق ھەم چىرىك ئىقتىسادىي تۈزۈلمىلەرنىڭ زاۋاللىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئوچۇق ئاشكارا ھۆكۈمەت تەشكىللەشنى قوللايدىغان دۇنيا بەرپا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ." ئۇ يەنە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ئۇچۇر - ئالاقە ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت ئەركىن ۋە ئوچۇق ئىنتېرنېتنى، كىشىلەرنىڭ ئۆز - ئارا ئەركىن ئالاقە قىلىش، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 30 - سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ. يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ئىران، سۇدان، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇھىملىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.