ب د ت، ھايتىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئادەم سانىنى 3500 گە يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى

ھايتىدا 12‏ - يانۋار كۈنى 7.3 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى، بۈگۈن 7 - كۈنى تەخمىنلىنىشىچە، ھايتىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئادەم سانى 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. ھازىر ھايتىغا ياردەم بېرىشكە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سانى ھازىر 30 دىن ئاشتى. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بۈگۈن باش كاتىب بان كىمۇننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ھايتىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ سانىنى 3500 گە يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.19
Hatida-bulang-talang-herkiti-kopeygen-305.jpg 17 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﺎﻳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻫﺎﻳﭙﻮﻻﻳﺖ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﻻﯓ - ﺗﺎﻻﯓ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﺎﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﯘ ﺑﯘﻻﯓ - ﺗﺎﻻﯓ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ھايتىدا 12‏ - يانۋار كۈنى كەچ سائەت 21 دە 7.3 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى، س ن ن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 7 كۈندىن بۇيان نەق مەيداندىن بېرىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، شۇنىڭدىن بۇيان 9 مىليون نۇپۇسى بار ھايتى دۆلىتىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پەقەت سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىقلا بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھايتىدا پۈتۈن ئاساسى قۇرۇلۇش ئىشتىن چىققان، ئۇچۇر - ئالاقە تورلىرى پۈتۈنلەي پالەچ بولغان. ھايتىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئادەم سانى ھازىر 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن، دەپ تەخمىنلەنمەكتە.

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ئايروپىلانلىرى ھازىر ھايتىغا كىرىش نۆۋىتىنى كۈتۈۋاتىدۇ

7 كۈنىدىن بۇيان دۇنيا ئەللىرى 9 مىليون ھايتى خەلقىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، بۇ دۆلەتنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ھازىر ھايتىغا ياردەم بېرىشكە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سانى ھازىر 30 دىن ئاشتى. ھايتى ئايرودرومىنىڭ كۆلىمى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ئايروپىلانلىرى ھازىر ھايتىغا كىرىش نۆۋىتىنى كۈتۈۋاتىدۇ. دومىنىكا، بېرازىلىيە، كانادا، چىلى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر 25 - يانۋار كۈنى كانادانىڭ مونتېرىئال شەھىرىدە ھايتىنى قايتىدىن قۇرۇش مەسلىھەت يىغىنى ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ.

ب د ت نىڭ يېمەك تەقسىملەيدىغان 14 پونكىتى ئىشقا كىرىشتى

ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسى تەييارلىغان 43 توننا يېمەك ھايتىغا يېتىپ كەلدى. ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوسېت شراننىڭ بايان قىلىشىچە، پورت ئاۋا پرېنسى شەھىرىدە ھازىر ب د ت نىڭ يېمەك تەقسىملەيدىغان 14 پونكىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە يېمەك بېرىۋاتىدۇ. بۇ پونكىتلارنىڭ خىزمىتى 30 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرى بۈگۈن يەنە ھايتىنىڭ پايتەختى پورت ئاۋ پرېنسى شەھىرىگە ھاۋادىن ئىككى قېتىم يېمەك تاشلىدى.

ياۋروپا بىرلىكى ھايتىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن 575 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ياۋروپا بىرلىكى بۈگۈن ھايتىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن 575 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. قىزىل كرېست جەمئىيىتى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيىنىڭ ئاپتوموبىل دوختورخانىلىرى جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ

تۈركىيە ھايتىغا 20 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل، 10 توننا دورا، 20 توننا ئەدىيال قاتارلىق قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ئەۋەتكەن ئىدى، تۈركىيىنىڭ ئاپتوموبىل دوختورخانىلىرى ھازىر جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ.

گوللاندىينىڭ ئايروپىلانى بۈگۈن ھايتىدىن 109 نەپەر يېتىم بالىنى ئېلىپ كەتتى

گوللاندىينىڭ ئايروپىلانى بۈگۈن ھايتىدىن 109 نەپەر يېتىم بالىنى ئېلىپ كېتىپ بېقىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ھايتىدىكى يېتىم بالىلارنى ۋاقتىنچە ئامېرىكىغا ئەكىلىپ تۇرغۇزۇشقا ۋە بېقىۋېلىشنى خالىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىجازەت بەردى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن بىل كلىنتون بىلەن جورجى بۇش ھازىر ھايتىغا ئىئانە توپلاۋاتىدۇ

ھايتىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكا قىسىملىرى 5 مىڭ 800 ئادەم چىقىرىپ ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن بېرىلىدىغان ياردەمنى تەشكىللەش، يەتكۈزۈش ۋە ئادەم قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن ئىدى. ئۇلار ھەر كۈنى ھايتىدا 130 مىڭ كىشىلىك يېمەك ۋە سۇ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون بىلەن سابىق پرېزىدېبنت جورجى بۇش ئىككەيلەن ھازىر ھايتىغا ئىئانە توپلاۋاتىدۇ. بۈگۈن يەنە ئامېرىكىنىڭ 250 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتى ھايتىغا كىردى.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بۈگۈن ھايتىغا يەنە 3500 كىشىلىك قىسىم ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

ب د ت باش كاتىبى بان كىمۇن تۈنۈگۈن ھايتىنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىنلا، بىخەتەرلىك كومىتېتىنى ھايتىدا تىنچلىق ساقلاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يەنە 3500 كىشىلىك ھەربىي قىسىم ۋە ساقچى ئەۋەتىشكە چاقىرغان ئىدى. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بۈگۈن بان كىمۇننىڭ تەكلىپى بۇيىچە قارار ماقۇللىدى.

خىتاي ھايتىدا خىتايلارنىلا قۇتقۇزغانلىقىنى ئىقرار قىلمىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ھايتىدا پەقەت خىتايلارنىلا قۇتقۇزغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان، بەلكى 'بىزنى ھايتىدا خىتايلارنىلا ئىزلىدى - قۇتقۇزدى' دېگەن گەپ يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ گېپى' دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە 'تەيۋەن ھازىرغا قەدەر ھايتىغا ياردەم بېرىشتە بىز بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتىدۇ، تەيۋەن چۇقۇم خەلقئارا ياردەم ئىشلىرىدىمۇ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك' دەپ تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.