بېيجىڭدىكى `مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقىنى خاتىرىلەش` يىغىنىغا مۇخبىرلار كىرگۈزۈلمىگەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.11.24
Mexmut-qeshqiri-yighini-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﯨﺰﻩ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯨﺰﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

11 ئايدىن بۇيان ھەر ئاي دېگۈدەك بىر يەردە مەھمۇت قەشقىرىنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئېچىلغان `تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلىدا مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى` ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي باشلانغان.

11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 200 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشماقتا، تۈركىيىدىن دۆلەت رەئىسى مەھكىمىسى باش سېكرېتارى پروف. در. مۇستافا ئىسەن باشچىلىقىدا 27 كىشى قاتناشماقتا ئىكەن. تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. شۈكرۈ خالۇق ئاقالىننىڭ دېيىشىچە، يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيىدىن بارغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر قىسمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئوپالدىكى قەبرىسىنىڭ بېشىدا مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھېچقانداق مۇخبىرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. تۈرك مۇخبىرلار مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىرىدىن نېمىشقا كىرگىلى قويمايسىلەر دەپ سورىغان ۋاقتىدا `بۇ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولغاچقا، مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ` دەپ جاۋاب بەرگەن.

يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا تۈركچە ۋە خىتايچە قىلىپ 'تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلىدا مەھمۇت قەشقىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى` دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئاناتولىيا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوقتاي ئۆزۈيە بىلەن تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن قاتناشقان. تۈركىيە دۆلەت رەئىسى مەھكىمىسى باش سېكرېتارى مۇستافا ئىسەن ئەپەندى بولسا قەشقەر ئوپالدا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى يەنى 27 - چېسلا بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدىكەن.

تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇخبىر كىرگىلى قويمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: " مۇخبىرلارنى كىرگىلى قويمايدىغان ئىش دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق. مۇخبىرلار پۈتۈن پائالىيەتلەرنى خەۋەر قىلىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىمۇ بىر خەۋەر تېمىسىدۇر. بىز تۈركىيىدە، مۇخبىرلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ھەققىدە خەۋەر يازمىدى دەپ رەنجىيمىز. بىلىم خەلققە مۇخبىرلار ئارقىلىق ئۇلىشىدۇ."
 
پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن تۈركىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قاتناشقان بۇنداق بىر يىغىنغا مۇخبىرلارنى كىرگۈزمىگەن بولسا، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: " مەنچە،تۈركىيە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. مەدەنىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرايلى، ئەمما تۈركىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قاتناشقان بىر يىغىنغا تۈرك مۇخبىرلارنى كىرگىلى قويمىغان بولسا، ئۇ رەھبەر خىتايلارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر يىغىن ئاچساق، خىتاي ئەلچىلىكى دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ توسۇشقا تىرىشىدۇ، ئەمما تۈركىيە بۇنداق ئەھۋاللاردا پەقەت پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ."
 
بۇ خەۋەرگە تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە ھۆرىيەت گېزىتىمۇ تور بەتلىرىدە يەر بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.