بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ھەققىدىكى قاراشلىرى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.08.11
2011.08.11
http://peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار بەلگىلىك دەرىجىدىكى سىياسىي-قانۇن ساۋاتلىرى، ھەقسىزلىقلارغا قارشى كۆكرەك كېرىپ چىقىش جاسارىتى، ھەرقانداق بىر يامان ئاقىۋەتكە تەييار تۇرۇشتەك ئېغىر تۇرمۇش شارائىتلىرى سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشىنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. بۇ قېتىم قەشقەردە ۋەقە يۈز بەرگەندىمۇ، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدا بولۇۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆز ئەرز ھېكايىلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا خەلقئارا ئاخباراتلارغا مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىككى نەپەر ئەرزدارنىڭ قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.