5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە بىر شاھىتنىڭ بايانلىرى (2)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.09.17
2009.09.17
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
بۇ خانىمنىڭ دېيىشىچە، بىر كۈنى، 40 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر تۇتقۇن دۆڭكۆۋرۈككە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قاراپ "قېرىنداشلار، مېنىڭ ھېچ گۇناھىم يوق، لېكىن بۇلار مېنى بەرىبىر ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، تۈرمىدە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى بىكاردىنلا ئۇرۇپ، قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بىزگە دۇئا قىلىپ قويۇڭلار!" دېگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق سازايى قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارىسىدە بالىلارمۇ بار ئىكەن.
ۋەتەندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى قايتىپ كەلگەن بۇ خانىم، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بۇ شاھىتى، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق تېگىپ ئۆلمەي قالغان يارىدارلارنىڭ كاللىسىنى توقماقلار بىلەن ئېزىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.
بۇ خانىم، بەزى ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تۇرمىدىكى يارىدارلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ سېسىپ كەتكەنلىكىنى، ھېچقانداق داۋالاش تەدبىرى قوللانمىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تۇتقۇنلارنى ئاچ، سۇسىز قويۇپ قىيناۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان.
خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خانىم، بەزى ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن "10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى يوق" دېگەن خەۋەرگە ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا ، شەھەر ئىچى تېلېفۇنلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى توغرىلىق تېلېفۇندا قىلىشقان گەپلىرى تۈپەيلى قولغا ئالغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.