بىشكەك شەھىرىدىكى تۆكۈلتاش ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى يەر جىدىلى

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى تۆكۈلتاش مەھەللىسىنىڭ بەرپا قىلىنغىنىغا 40 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، 1955 - يىلىدىن ئېتىبارەن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتىكى قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەزكۇر چەت تاشلاندۇق يەرلەرنى ئېچىپ، ئۆي سېلىپ، مەھەللە پەيدا قىلغان، ئاخىرىدا بۇ جاي ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر مەھەللىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بىراق، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بىر قىسىم ياشلار بۇ جايدىكى بىر قىسىم يەرلەرنى ئۇيغۇرلاردىن تالاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىلىرى سوتقا ئەرزى سۇنۇپ، ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، بىراق جېدەل يەنىلا داۋاملاشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىلەرگە بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.