فرانسىيە، ئەنگلىيە ھازىر لىۋىيىدە قوزغىلاڭچىلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار
2011.03.18
ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنىڭ 10ئى قوللاپ ئاۋاز بەردى. رۇسىيە، خىتاي، گېرمانىيە، برازىلىيە ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت 5 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. ئەمما ب د ت نىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمىدى.
ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا، لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش - لىۋىيە خەلقىنى كازافىي قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ مەقسەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر قانداق تەدبىر قوللىنىشقا بولىدۇ؛ لىۋىيە ئاسمىنىدا «ئۇچۇشقا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن دائىرىدە بىر قىسىم ئايروپىلانلارنىڭ، بولۇپمۇ ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى چەكلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ، لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش ھەققىدىكى قارارىدا، فرانسىيە، ئەنگلىيىلەرگە كازافىي قىسىملىرىغا قارىتا زۆرۈر بولغان ھەر قانداق تەدبىر قوللىنىشقا ھوقۇق بەرگەنلىكىگە خىتاي بۈگۈن نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا قارشى پىكرىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەشنى ئەرەب دۆلەتلىرى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا قارىتا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمىگەن.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتى بۈگۈن لىۋىيە ۋەزىيىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، كازافىي بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 6 دە، ئەگەر غەرب كۈچلىرى لىۋىيە دائىرىسىدە، لىۋىيە تۈزۈمىگە قارشى ھەربىي ھۇجۇمغا ئۆتسە، لىۋىيە كۈچلىرى ئوتتۇرا دېڭىز تەۋەسىدىن ئۆتىدىغان يولۇچى ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ئايروپىلانغا ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ جاكارلىدى.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 دا خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ، لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش قارارىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. بۇ ۋاقىتتا، فرانسىيە بايانات ئېلان قىلىپ، كازافىيغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلقنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى، كازافىي ئەگەر خەلققە ھۇجۇم قىلسىلا، ئۇنىڭغا قارىتا قوللىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى بىر سائەت ئىچىدە باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 دە خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىت كامىرۇن باياناتىدا، ئەگەر مۇستەبىت كازافىينىڭ قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلار رايونىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ خەلقنى قىرسا، ئەنگلىيىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بىر سائەت ئىچىدە ئۇنىڭغا قارشى زۆرۈر بولغان ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
«ۋولت سترت» گېزىتىنىڭ بۈگۈن چۈش ۋاقتى سائەت 12 دە خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا ئەۋەتكەن ھەربىي ياردىمى چېگرادىن ئۆتتى. مىسىرنىڭ بۇ قېتىم لىۋىيىگە ئەۋەتكەن ياردىمى، پەقەت خەلق مۇنتىزىم قىسىملارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشتا قوللىنالايدىغان يېنىك ھەم قۇلاي ھەربىي قوراللاردىن ئىبارەت.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بۈگۈن سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موسسا كاۋسا باياناتىدا، لىۋىيە ب د ت نىڭ قارارىغا بىنائەن ئۆزىنىڭ ھاۋا تېررىتورىيىسىنى دەرھال تاقايدۇ، لىۋىيىدىكى ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ، لىۋىيە خەلقىنى ھەر قانداق چەتئەل كۈچلىرىدىن ساقلايدۇ دەپ جاكارلىدى. لىۋىيە باياناتچىسى مۇسا ئىبراھىمنىڭ رويترس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ترىپولى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى كۆزىتىشكە تۈركىيە، مالتا دائىرىلىرىنى تەكلىپ قىلغان.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بۈگۈن سائەت 12 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە خەۋەر قىلىشىچە، كازافىي قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلار ئىدارە قىلىۋاتقان مىسراتا شەھىرىگە ئېغىر زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى. قوزغىلاڭچىلار سېپىدىكى جەڭچى سائادۇن، بۇ كازافىيچىلارنىڭ بىزگە قوزغىغان ئەڭ قاتتىق ھۇجۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ باياناتچىسى گېمال بولسا، بۇ قېتىم كازافىي قىسىملىرى بىزنىڭ لىۋىيىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئىستىھكاملىرىمىز بار جايلاردىكى ئۆيلەرنىمۇ، مەسچىتلەرنىمۇ، ئومۇمەن يەر يۈزىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ھەممە نەرسىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى، دېدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن كەچ سائەت 20 دە، لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موسسا كاۋسا بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش قارارىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ۋە باشقا ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.