پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىر خانىم ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىپ كۆرۈشتى

بۈگۈن يەنى 7‏ - ئاينىڭ 29‏ - كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم شۇنىڭدەك ۋىي جېڭشىڭ ، خارىي ۋۇ قاتارلىق خىتاي دېموكراتلىرىنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.07.29
Rabiye-bush-2008-07-29-305 7‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺑﯘﺵ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯞﯨﻲ ﺟﯧﯖﺸﯩﯔ ، ﺧﺎﺭﺭﯨﻲ ﯞﯗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﯘﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
UAA Photo

ئۇچرىشىشتا رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە پرېزىدېنت بۇشقا مەلۇمات بەرگەن ھەمدە پرېزىدېنت بۇشتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلار مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش تۇنجى قېتىم 2006‏ - يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا 10 كۈن قالغان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ ئۆزىنى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلغانلىقىنى خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال دەپ كۆرسەتتى .

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.