چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار دۇنيادا غەمگۇزارلىققا ئېرىشىۋاتىدۇ، ئەمما خىتايدا كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۇنيادا ھازىرغا قەدەر چوشقا زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بىمار سانى 1446 گە يەتتى. تۈنۈگۈنكىدىن 413 بېمار كۆپەيدى.

0:00 / 0:00

ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا بايقاش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەۋلادلىرىنى بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن خالى قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىلىۋاتىدۇ. ھەممىلا جايدا ھازىر يۇقۇملۇق چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بولغان غەمگۇزارلىق ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خىتايدا ئەھۋال ئۆزگىچە.

كانادا ئوقۇغۇچىلىرى خىتايدا كەمسىتىشكە ئۇچرىدى

كانادا س ب س رادىئوسىنىڭ تورۇنتودىن خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ئوقۇغۇچىلىرى خىتايغا بارغاندا ئۆزگىچە مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. كانادادىكى مونترىيول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى سوفىي لاڭلويس خىتايدا كارانتىن قىلىنغان كانادا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشىچە، كانادادىكى مونترىيول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 29 نەپەر ئوقۇتقۇچسى پىلان بۇيىچە، 5 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى خىتاينىڭ چاڭچۇن شەھەرلىك پىداگوگىكا ئىنىستوتىغا خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ھامان، چېگرىدىلا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كارانتىن قىلىنغان. بۇلارنىڭ يىگىرمە ئۈچى كانادالىق، ئۈچى فرانسىيىلىك، بىرى نېگىرىيىلىك، يەنە بىرى گېرمانىيىلىك.

خىتايدا كارانتىن قىلىنغان كانادا ئوقۇغۇچىسى كۈبەكلىك ئوقۇغۇچى مارتىن دېسلاۋرېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار چاڭچۈنگە كەلگەن ھامان خىتاي دائىرىلىرى ئايرۇپىلاندا ئولتۈرغان كىشىلەردىن كىملىك سورىغان، يۇلۇچىلار ئىچىدىن كانادادىن كەلگەنلەرنى تاللاپ بىر ئۆيگە ئەكىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسسىتىمىسىنى ئۆلچىگەن، ھېچقانداق غەيرى نورمال ئەھۋال ئۇچراتمىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى بىر مېھمانخانىغا سولاپ قويغان. ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ بەدەن ئىسسىتىمىسىنى ئۆلچەپ كۆرگەندىن باشقا ھېچنىمە قىلمىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار خىتايدا ئوچۇقتىن - ئوچۇق كەمسىتىش ۋە خارلاشقا ئۇچرىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن كانادادا 140 ئادەمنىڭ چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، شۇنداقلا يەنە، تەجرىبىخانىلاردا ، مېكىسكىدا چوشقا زۇكامى پارتلىغاندىن كېيىن كاناداغا قايتىپ كەلگەن بىر مېكسىكىلىقتىن 220 چوشقىغا ۋىرۇس يۇققانلىقىمۇ ئېنىقلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كانادا بايقاش، داۋالاش جەھەتتە ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

كانادادىن خىتايغا بارغان ئوقۇغۇچىلار خىتايدا كارانتىن قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، كانادا نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى دەرھال بېرىپ ئۇلارنى يوقلىغان. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى پارلامىنتقا دوكلات قىلپ تۇرغان. بۈگۈن كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئەۋەتكەن.

ئىككى نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىمۇ خىتايدا كەمسىتىشكە ئۇچرىدى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇسەن سلىۋېنسوننىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، ئىككى نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى (بىرى بېيجىڭدا، يەنە بىر گۇاڭجۇدا) يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كارانتىن قىلنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ توغرىلىق پەقەت 'جۇڭگو زېمىنىغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن بولغان بۇ كىشىلەردە زۇكام ئالامەتلىرى بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرىۋاتىمىز' دېگەن. ئەمما بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇلارغا قارىتا بەدەن ئىسسىتىمىسىنى ئۆلچەشتىن باشقا ھېچقانداق تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللانمىغان. خىتاي تەرىپىدىن كارانتىن قىلىنغان بۇ ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ، خىتايدا ئۇچرىغان بۇ خىل مۇئامىلىنى كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىق دەپ قارىماقتا.

كەمسىتىشكە ئۇچرىغان مېكىسكا پۇقرالىرى خىتايدىن كېتىشكە باشلىدى

بۇنىڭدىن بۇرۇن 'مېكىسكىدا پارتلىغان چوشقا زۇكامىنىڭ مەنبەئەسى خىتاي' دەپ كۆرسەتكەن مېكىسكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ، خىتايدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مېكىسكا ھازىر خىتايدا كەمسىتىشكە ئۇچرىغان پوقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە باشلىدى.

جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر باشلىقىنىڭ مەركىزى ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، بۈگۈن گۇاڭجۇدىن مېكىسكىغا قاتنايدىغان بويىن 777 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى مېكىسكا كۆتۈرە ئالغان بولۇپ، بۇ ئايرۇپىلاندا 120 نەپەر مىكىسكىلىق گۇاڭجۇدىن مېكىسكىغا قايتىدىكەن. بۇ ئايرۇپىلانغا شاڭخەيدىن يەنە 80 نەپەر مېكىسكىلىق چىقىدىكەن.

دۇنيادا چوشقا زۇكامى كەڭ تارقىلىۋاتقاندا، ۋاڭ لېچۇەن 'ۋەتەن سۆيۈش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈش لازىم' دەپ جاكارلىماقتا

دۇنيادا چوشقا زۇكامى كەڭ تارقىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ بۈگۈن كابىنىت يىغىنى ئېچىپ، چوشقا زۇكامىغا قارىتا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ بۈگۈن كابىنىت يىغىنىدا، 'جۇڭگو ھازىر ئېغىر خەۋپكە يۈزلىنىۋاتىدۇ' دېگەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھۇشيارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى، چېگرىدا كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كېسەللىك ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىتا تەشقىقاتنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقلا، ھەر قايسى جايلارنىڭ مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىجرا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ھېچقايسى بۈگۈن ۋېن جياباۋنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تىلغا ئالمىدى. بەلكى تۈنۈگۈن 'خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك' دەپ جاكارلىغان ۋاڭ لىچۇەن، بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا 'ۋەتەن سۈيۈش بايرىقىنى ۋە سوتسيالىزم بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈش كېرەك' دەپ جاكارلىدى.