'5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى'دىن كېيىن غۇلجا دادامتۇ يېزىسىدا 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان

'5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى'دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر يېزا پۇقرالىرىدىن 40 دەك ئۇيغۇرنى دىنىي ۋە سىياسى سەۋەبلەردىن قولغا ئالغان. يەرلىك ئاممىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ '5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى' بىلەن چېتىشلىقى بولمىسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇلارنى ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. دائىرىلەر بولسا قولغا ئېلىنغانلارنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.05.17
Urumqi-7-5-Uyghur-pajiesi-Xitay-zomigerligi-305.jpg YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻰ 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ "ﺋﻮﯞﻻﭖ" ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

سۇلتان تۇرسۇن ئۆتكەن يىلى '5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى'دىن كېيىن غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا سىياسى ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دادامتۇنىڭ ئۇلاستاي كەنتىدە ئولتۇراتتى. 3 بالىنىڭ دادىسى بولغان سۇلتان تۇرسۇن مەدەن تاش ئېلىپ -سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان يەككە تىجارەتچى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن '5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى' بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ '5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى' يۈز بېرىپ 10 كۈندىن كېيىن، يەنى 15 - ئىيۇل كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشىنى توسۇپ قالالمىغان. شۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئۇلاستاي ۋە بۇلاق دادامتۇ كەنتىنىڭ ئۆزىدىنلا 40 دەك ئۇيغۇر ياش قولغا ئېلىنغان ئىدى.

سۇلتان تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ دىنىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش خاھىشى بار دېگەن سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا ئوغلىنىڭ ئاتالمىش بۇ "جىنايەت"بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىنماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا سەۋەب بولغىدەك قانداق كونكرېت قىلمىش سادىر قىلغانلىقى ئايدىڭ ئەمەس. دائىرىلەر سۇلتاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەن ياكى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. سۇلتاننىڭ ئانىسى بولسا ئوغلىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈن-تۈنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغىدەك "جىنايەت" سادىر قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوغلىنىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى '5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى'دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "توردىن چۈشۈپ قالغانلار"نى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، زەربە بېرىش نىشانىنى "توردىن چۈشۈپ قالغانلار"غىلا قارىتىپ قالماي، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىش خەۋپى مەۋجۇت، دەپ قارالغان "يوشۇرۇن كۈچلەر"گە قاراتقان ئىدى. خىتاينىڭ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي ئۆز قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

پۇقرالارنىڭ قانۇندىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسى بولسا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، سۇلتان قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ 3 پەرزەنتى بىلەن ئايالى خەلىمە خانىم يۆلەنچۈكسىز قېلىپ، سۇلتاننىڭ بۇلاق دادامتۇدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە كېلىن بىلەن 3 بالىغا قاراش ۋەزىپىسى سۇلتاننىڭ ئاتا-ئانىسىغا يۈكلەنگەن.

سۇلتاننىڭ نۆۋەتتىكى تۈرمە ئەھۋالى ئائىلىسىدىكىلەرگە مەلۇم ئەمەس. ئۇ غۇلجا يېڭى ھايات تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنى قولغا ئېلىنغان ئاز كەم بىر يىلدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن. سۇلتاننىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ بۇ يىل 1‏ - ئايدا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغانلىقىنى، ئوغلىنى شۇ يەردە ئاران تىڭشىغۇچىلار قاتارىدا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دادامتۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسى دىنىي ۋە سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ، پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋەزىپىسى بوۋاي-مومايلارغا قالغان ئائىلە يالغۇز سۇلتاننىڭ ئائىلىسى ئەمەس. مەزكۇر كەنتتىكى تۇرغان پولات ئائىلىسى بولسا 4 پەرزەنتى سۇلتان تۇرسۇن بىلەن ئوخشاش دىنىي ۋە سىياسى سەۋەب تۈپەيلى تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئوغلىنىڭ 7 پەرزەنتى بوۋاي بىلەن مومايغا قالغان ئائىلىلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر. لېكىن يەرلىك دائىرىلەر بولسا تۇتقۇنغا ئۇچراش ۋەقەسى، تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە تۇتقۇنغا ئۇچراش سەۋەبىگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى.

بىز دادامتۇدىكى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، سۇلتاننىڭ قولغا ئېلىنىشتىكى سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ساقچىخانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى مىرا ئۆزىنىڭ مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ بۇ يېزىدا يۈز بەرگەن قولغا ئېلىش ۋەقەسىگە دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى تۇنجى قېتىم رەت قىلىشى ئەمەس. بىز يېقىندا ساقچىخانىنىڭ سىياسى يېتەكچىسى سەيپىدىنگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇمۇ ئوخشاشلا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

'5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى'دە زادى قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىگىلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلار ياكى ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىدىكى پەرقلەر ناھايىتى چوڭ بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەر توختى ئەپەندى دادامتۇدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تەنقىدلەپ، تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ۋە ئەدلىيە تەرتىپى خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئاشكارا خىلاپلىقتۇر دەپ ئەيىبلىدى.

سۇلتان تۇرسۇننىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، مەزكۇر يېزىدىكى پەرزەنتى تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلىلەر ئۈمىدىنى پات يېقىندا چاقىرىلىدىغان خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى"غا باغلىماقتىكەن. يەرلىك دائىرىلەر يېڭى ھايات تۈرمىسىدىكى "دادامتۇلۇقلار"نىڭ مەسىلىسى "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى"نىڭ روھىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى" بۇ ئاينىڭ ئىچىدە چاقىرىلىدۇ. "تەڭرىتاغ" تورى مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، "يىغىندا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، نىشان، ۋەزىپىلەر، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىغانلىقى" نى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.