دالاي لاما: بىز خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ھۆددە قىلىنغان ئاپتونومىيە بولۇشنى كۈتۈۋاتىمىز

ھازىر ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئەپەندى تۈرلۈك تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئۇ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى تارىخى ئۇزۇن بولغان ۋىليام ۋە مەرېي ئىنستىتۇتىدا ئىنسانىي خەيرخاھلىق قىلىش تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.10.18
Dalay-lama-yaponiye-ziyaret-qutluq-305.jpg ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى دالاي لاما بىلەن خىروشىما تىنچلىق مەيدانىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2010-يىلى 14-نويابىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq Haji

دالاي لاما ئەپەندىنىڭ لېكسىيىسىنىڭ بىرىنچى تەۋسىيىسى ئىنسانىي قىممەت بولۇپ، ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ خۇشال ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشلىقىنى ئىزاھ قىلغان. ئىككىنچى تەۋسىيىسىدە دىنىي ئەقىدىلەر ئارا مۇرەسسەلىشىش يەنى ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئەقىدىلەردە ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىش، ئىنساندىكى مۇھەببەت، خەيرخاھلىق، ھېسسىيات ۋە شۇنداقلا سەبىر تاقەت توغرىسىدا توختالغان. لېكسىيە جەريانىدا، بۇ قېتىمقى لېكسىيىگە قاتناشقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2008-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىشتا نېمە ئۈچۈن تىبەتلەرنىڭ خىتايلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭدىن 60 يىل ئاۋۋالقى تىبەتنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرگەن. 1955-يىلدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغان قاتتىق باستۇرۇشتەك يالىڭاچ سىياسىتى توغرىسىدا ماۋ زېدۇڭغا ئۆزى ئۈچ-تۆت قېتىم خەت يېزىپ، تىبەتلىكلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ماۋ زېدۇڭنىڭ جاۋاب بەرمىگەنلىكى ۋە تىبەتنىڭ شۇ زاماندىكى نالىسىنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم چىقمىغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھازىر تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن تىبەت خەلقى نامايىش داۋامىدا خىتاي مىللىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇ تىبەتلەرنىڭ مەقسەتلىك ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

دالاي لاما ئەپەندى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس قىسقىچە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ خىتاي ئاكا-ئىنىلىرىمىز، ئاچا-سىڭىللىرىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ھەققىمىزدە نۇرغۇنلىغان خاتا تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. سىلەر بۇنداق تەشۋىقاتلارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭلار. بىز خىتاي خەلقىنى ھۆرمەتلەيمىز، سىلەرنىڭ باي ۋە قەدىمى مەدەنىيىتىڭلارنى ھۆرمەت قىلىمىز. لېكىن بىز ياۋايىلاردىن ئەمەس، بىزنىڭمۇ مەدەنىيىتىمىز، تارىخىمىز ھەم تىل-يېزىقىمىز بار. بىز ئۆز-ئارا مەسىلىنى ئورتاق ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ھۆددە قىلىنغان ئاپتونومىيە بولۇشنى كۈتۈۋاتىمىز. سىلەر ھازىر ئەركىن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىسىلەر. بۇ پۇرسەتتە كۆزۈڭلارنى، قۇلىقىڭلارنى ئىشلىتىپ بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى ئۆگىنىڭلار. رەھمەت سىلەرگە.»

نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر دالاي لاما ئەپەندىنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشى، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان 10 نەچچە قېتىملىق سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا. بىز، دالاي لاما ئەپەندىنىڭ خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.