دالاي لاما ھىندىستان چېگرىسىدىكى تىبەت زېمىنى - تاۋاڭنى زىيارەت قىلىدۇ

يېقىندىن بېرى خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋىتى تۇيۇقسىز جىددىلىشىپ قالدى. ئىككى دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى چېگرا قوشۇن توپلاۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا. ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتى كۆڭۈلسىز ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان بىر مەزگىلدە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى تىبەت روھانى داھىسى دلاي لامانىڭ ھىندى - تىبەت چىگرىسىدىكى ھىندىستانغا تەۋە تاۋاڭ رايونىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.09
دالاي لاما دالاي لامانىڭ يېقىنقى سۈرىتى.
AFP Photo

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ بۇ يىل 11 ‏- ئايدا ھىندىستان چېگرىسى ئىچىدىكى يەرلىك خەلقى تىبەتلەرنى ئاساس قىلىدىغان ئارۇناچال پرادېش شىتاتىنىڭ تاۋاڭ رايونىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى. ئارۇناچال شىتاتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا تالاش - تارتىشتىكى مەسىلە بولۇپ كەلگەن. خىتاي ئارۇناچال شتاتىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ، مەزكۇر شىتاتنى تىبەتنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

يېقىنقى خەۋەرلەردە ئىككى دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ چېگرا بويىدا قوشۇن توپلاۋاتقانلىقى، دالاي لامانىڭ بۇ مەزگىلدە تاۋاڭنى زىيارەت قىلىشى خىتاي - ھىندىستان مۇناسۋىتىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تاۋاڭ تىبەت بۇددىزىمىدىكى ئەڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىلارنىڭ بىرى جايلاشقان يەر بولۇپ، دالاي لاما 2008 ‏- يىلى تاۋاڭنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان، لېكىن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دالاي لامانىڭ تاۋاڭنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن ئىدى.

"ھىندىستان ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى بىر ياردەمچىسى تىبەت روھانىي داھىيسىنىڭ 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- ھەپتىسى ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لامانىڭ خۇسۇسىي كاتىپى چىممې چوكياپپا "ھىندىستان ۋاقتى" گېزىتىگە بايانات ئېلان قىلىپ، "دالاي لاما ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىدۇ، لېكىن ھازىرچە بىز ئۇنىڭ كونكرېت قايسى جايلارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمايمىز" دېگەن.

ئانالىزچىلار، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ۋە دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىيارەتنى داۋراڭ قىلىشنى خالىمايۋاتقانلىقى، چۈنكى ئارۇناچال پرادېش شىتاتى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان نازۇك مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويماسلىققا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

"ھىندىستان ۋاقتى "گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىكى مەنبەلەر ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش دالاي لامانىڭ يېڭى دېھلىدىكى ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى، لېكىن دالاي لامانىڭ ئارۇناچالدىكى قايسى جايلارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دالاي لامانىڭ ئارۇناچالدىكى ئىتاناگار، بومدىللا ۋە تاۋاڭنى زىيارەت قىلىش ئېھتىمالىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ 1962 ‏- يىلدىكى چىگرا توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاي ئارمىيىسى ئارۇناچالدىكى دالاي لاما 11 ‏- ئايدا زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقان تاۋاڭ ۋە بومدىللانى ئىگىلىۋالغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ جايلارنى تەرك ئەتكەن ئىدى.

ئارۇناچالدىكى تاۋاڭ رايونى 6 ‏- دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولۇپ، تىبەت بۇددىزىمىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرىدۇر. ھازىرقى ‏14- تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما 1959 ‏- يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئالدى بىلەن تاۋاڭغا قېچىپ بارغان.

بۇرۇن ھىندىستان - تىبەت چېگرىسى ئېنىقسىز ئىدى. ھازىرقى تىبەت‏- ھىندىستان چىرايىنى 20 ‏- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەمەلدارى مىكماخۇن سىزىپ چىققان بولۇپ، بۇ "مىكماخۇن سىزىقى" دەپ ئاتالغان، لېكىن خىتاي "مىكماخۇن سىزىقى" نى ئېتىراپ قىلمىغان.

"مىكماخۇن چىگرا سىزىقى"دا تاۋاڭ ھىندىستانغا ئايرىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بولسا "مىكماخۇن سىزىقى"نى ئېتىراپ قىلاتتى. ھىندىستان 1980 ‏- يىللارغا كەلگەندە ئارۇناچالنى ھىندىستان فېدېراتسىيىسىنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىتات، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

2008 ‏- يىلى ئارۇناچال شىتاتىنىڭ باش مىنىستىرى دورجې كاندۇ دارامسالاغا بېرىپ، دالاي لامانى تاۋاڭدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. لېكىن، دالاي لامانىڭ تاۋاڭنى زىيارەت قىلىش پىلانى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشمىغان.

ئانالىزچىلار، "ئەگەر دالاي لاما بۇ قېتىم ئارۇناچالنى زىيارەت قىلسا بۇ ھىندىستاننىڭ خىتايغا بەرگەن چېگرا مەسىلىسىدىكى كۈچلۈك سىگنالى بولۇپ قالىدۇ،" دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.