دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسى خىتايدا ئاساسىي قانۇن مەسىلىسىمۇ ياكى سىياسىي مەسىلىمۇ؟

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاياقلاشتى. خىتاي تەرەپ دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ئالىي ئاپتونوميە تەشەببۇسىنى 'ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ' دەپ جاكارلىدى، دالاي لاما ۋەكىللىرى خىتايغا يەنە 'تىبەتتىكى ئەمەلى مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تەتقىق قىلىش' تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن خەلقئارادا تىبەت مەسىلىسى ئاساسىي قانۇن مەسىلىسىمۇ ياكى سىياسى مەسىلىمۇ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قوزغالدى. بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

نورۋېگىيىدىكى 'تىبەت ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى كاسۇر لودىگەرى بىلەن كېلساڭ گياتسېننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن 9‏ - قېتىملىق سۆھبىتىدە، 31‏ - يانۋار كۈنى خىتاي تەرەپ ھەم قاتتىق، ھەم قاتمال تەدبىر قوللىنىپ، دالاي لاما تەرەپنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسىنى رەت قىلدى، مۇھاجىرەتتكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جىمىرىنچىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاياقلاشتى. دالاي لاما ۋەكىللىرى بۈگۈن 2‏ - ئاينىڭ 2‏ - كۈنى ھىنىدىستاندىكى درامسالاغا قايتىپ كەلدى.

جۇ ۋېيپىڭ: تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي خەلقى بەلگىلەيدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيپىڭ بۈگۈن 'تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي خەلقى بەلگىلەيدۇ' دەپ جاكارلىغان ۋە 'ئەمما 75 ياشلىق دالاي لاما ئالەمدىن ئۆتسە، تىبەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتى سىلىق بولماسلىقى مۇمكىن' دېگەن.

لودىگەرى: تىبەتنىڭ ئىچىدىكى رىئال مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق چۈشەنچىگە كېلىشى كېرەك

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ درامسالادىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەن دالاي لاما ۋەكىللىرى كاسۇر لودىگەرى بىلەن كېلساڭ گياتسېن بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا، تىبەتنىڭ ئىچىدىكى رىئال مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق چۈشەنچىگە كېلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى باشتىن - ئاخىر خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تولۇق ئاپتونومىيە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دۇنيادا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دالاي لاماغا قارىتىلغان 'بۆلگۈنچى'، 'قانۇنىسز ھەرىكەت' دېگەن ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا ئۈندىگەن.

ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى 'قىرو باستى'

'ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا گۇگۇل ئىنتېرنېت تورىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەنكى تالاش - تارتىشى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقىدىن پەيدا بولغان سۈركىلىش، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە پۇلنىڭ ئابوروتتىكى نېسبىتى مەسىلىسى قايتىدىن كەسكىنلىشىپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىۋاتقاندا، بۈگۈن بۇنىڭغا يەنە تىبەت مەسىلىسى قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى ھازىر 'قىرو باستى'.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تىبەت، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى رولىنى يوققا چىقارماقچى

فرانسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن يەنە، ئامېرىكىنىڭ تىبەت، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى رولىنى يوققا چىقىرىش نىيىتىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىكى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما ئاقساراي ياردەمچى باياناتچىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئوباما دالاي لاما بىلەن يەنىلا بەلگىلەنگەن پىلان بويىچە كۆرۈشىدىكەن.

دۇ چىڭلىن: تىبەتتە ئالىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ مىنىستىرى دۇ چىڭلىن 'تىبەتتە ئالىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، خەلقئارادا ھازىر تىبەت مەسىلىسى ئاساسىي قانۇن مەسىلىسىمۇ ياكى سىياسىي مەسىلىمۇ، دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قوزغالدى.

تىبەت مەسىلىسى ئاساسىي قانۇن مەسىلىسىدىن سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'بېيجىڭ باھارى' ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دالاي لاما خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ماددىلارغا ئاساسەن 'تىبەتتە تولۇق ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇشى كېرەك' دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا بۇ، ئاساسىي قانۇن مەسىلسى. ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى ئىجرا قىلمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى بۇيىچە سىياسەت بەلگىلەپ، تىبەتلەرنىڭ ئارزۇيىنى باستۇردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە خىتايدا سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندى.

كۆپىنچە كىشىلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دالاي لامانىڭ ئىزچىل ھالدا ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بارغانسىرى قاتتىق بېىسىم بولماقتا. كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى قوللايدۇ. ئەمما خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمايۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا رىئايە قىلمايدىغان ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، تىبەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتمەيدۇ.

پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ تىبەتلەرۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى قوللاش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك

- پرېزىدېنت ئوباما ھازىر، ئامېرىكىنىڭ تىبەتلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى قوللاش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ خىتاينىڭ، ئامېرىكىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى رولىنى يوققا چىقىرىش غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزماسلىقى كېرەك، ‏ - دەپ تەكىتلىدى خۇ پىڭ ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، - ئەگەر خىتايدا بۇنداق مۇستەبىتلىك داۋاملىشىۋەرسە، بۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان مەسىلە. شۇڭلاشقا خىتاي بىلەن قىلغان ھەر بىر مۇئامىلىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، قانۇن مەسىلىسنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.