دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاينىڭ دامىغا دەسسىمەسلىككە چاقىردى

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوينىغا تارتىشقا ئۇرۇنۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھەم دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سەئۇدىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دامىغا دەسسىمەسلىككە چاقىردى. ئۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بەرمەكچى بولۇشىنى، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى پاكلىقىنى بۇلغاش دەپ چۈشەندۈردى.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن پۇلنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئالدى بىلەن بىر مىللىي مەيدان مەسىلىسى. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پەقەت قورال كۈچىگە تايىنىپلا ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن پۇلنى قوبۇل قىلىش خىتاينىڭ يۇقىرىقى پىكرىنى تەستىقلاش ۋە ئۇنىڭغا ئىسپات بولۇش دېمەكتۇر.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەسىلىنىڭ ئىككىنچى تەرىپى دىنىي پرىنسىپلارغا چېتىشلىقتۇر. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانى ئېنىق بولۇشقا، زالىمغا ۋە زوراۋانغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرىدۇ. خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ياردەم پۇلى ئېلىش ئۇلارنى تەبىئىي ھالدا ئەلچىخانا بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا، ئەلچىخانىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، مەسىلىنىڭ يەنە بىر دىققەتكە سازاۋەر تەرىپى ئىنسانىي ئەخلاق مەسىلىسىدۇر. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەخلاق تارىخىغا داغ چۈشۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىززەت-ئابرويىنى يەرگە ئۇرماقچى ۋە جامائەتنىڭ ئالدىدا سۆزى ئۆتمەس ۋە كارغا كەلمەس بىر كىشىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش قەستىدە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

يۇقىرىدا دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ياردەم پۇلى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.