'دىيارىم' تورىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشات پەرھاتنىڭ سوتلىنىش ئەھۋالى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 7 ‏- ئايدا "دىيارىم" تورىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشات پەرھات ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، ئۇنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. دىلشات پەرھات ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان سوتتا، "بۆلگۈنچىلىك" ۋە چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، "توپىلاڭچىلار" غا ياردەم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە دىلشات پەرھات سوتتا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا نارازى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچكەن. ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىشى ھەر خىل پەرەزلەرگە سەۋەبچى بولدى.

دىلشات پەرھات "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېلوسى خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىلشات پەرھاتنىڭ ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھرىدە ياشايدىغان ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ۋە ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دىلمۇرات ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.