مۇراسىمغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى قاتارلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
9 دۆلەتتىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ياش ئوغۇل - قىزلار بۇ مۇراسىمدا ئۈچ كۈنلۈك يىغىندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مىللىي ناخشا - ئۇسۇللىرى بىلەن تەبرىكلەشتى. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر ئەپەندىم بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىلىشىنىڭ ئۆزى كۆزلىگەندىن زىيادە نەتىجە ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يىغىنغا قاتناشقان ياشلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ھەممىسىلا دېگۈدەك بۇ يىغىندىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكى ۋە پىلان - پروگراممىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى بولسا، پۈتۈن دۆلەتلەردىكى ئاتا - ئانىلارنى ياشلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قوللاشقا چاقىردى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئامېرىكىنىڭ خەلقارا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ خادىمى لۇئىسا خانىم، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن ئىدى. قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ تەبرىك نۇتقى سۆزلەپ، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغان تەلەپ - ئىستەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.