رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا بىر يۈرۈش مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.10.30
rabiye-xanim-belgiyide-305.jpg رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. 2012-يىلى ئۆكتەبىر، بېلگىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇلار 27، 28-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيت پائالىيىتى ۋە باشقا بەزى پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 29-ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي ئۇچرىشىشلارنى باشلىۋەتتى.

ئالدى بىلەن، 29-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيە ھۆكۈمىتى تارمىقىدىكى مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى. كۆرۈشۈشتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ بېلگىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۇلارغا يەتكۈزۈلدى. ئۇلارمۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مۇساپىر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇلار چۈشتىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمىتى ھېسابلىنىدىغان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە كۆچمەن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى، كۈلتۈرىنى يوقىتىش ھەققىدىكى قاتتىق قول سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ياۋروپا پارلامېنتىدا 2011-يىلى تارىخىي شەھەر قەشقەرنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە قارار ماقۇللانغان. ئۇلار بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بۇ قارارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە ياۋروپا كومىتېتىدىن ۋەدە ئالغان.

بىز بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.