د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Dolqun-Eysa-Ilham-Mahmut-Yaponda-Yaponluq-qollighuchilar-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29- ﻛﯜﻧﻰ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ئۇچرىشىشقا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى باشچىلىقىدا 7 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان.

ئۇلار ئالدى بىلەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسادىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان. كېيىن دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدىن كۈتكەن ئۈمىد ۋە تەلەپلىرى ھەققىدە توختالغان.
Dolqun-Eysa-Ilham-Mahmut-Yaponda-Yaponluq-qollighuchilar-sohbette-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29- ﻛﯜﻧﻰ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا ياپون ئۇيغۇر دوستلۇق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى  ۋە بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە دولقۇن ئەيسا ۋە ئىلھام مەخمۇتلار بىلەن  ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

     
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت