د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋروپا ۋە گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

ھازىر گېرمانىيىدە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى، 23 - ئاپرېل ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە گېرمانىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان.

0:00 / 0:00

زىيارەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىملار ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلاتقان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلىغايسىلەر.