د ئۇ ق ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئوغلانى مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ھەر قانداق بىر خەلق ئۆزىنىڭ قەھرىمان ئوغۇل ‏ - قىزلىرىنى سۆيىدۇ، ئەسلەيدۇ ۋە بېشىدا كۆتۈرىدۇ. زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلغان شەخىسلەر خەلق تەرىپىدىن ئەڭ سۆيۈلگەن شەخسلەردۇر. ئۇنداق شەخسلەر تارىخ سەھىپىسىگە ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلىدۇ.
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008-10-16
Share
memet-tursun-ankara-namayishida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﺌﻮﻏﻠﻰ "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ!" ﺩﻩﭖ ﺗﺎﯞﻟﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
AFP Photo

2008 ‏ - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، خىتاينىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇمىغا قارشى غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرخانىدا داۋالانغاندىن كېيىن 13 ‏ - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى دوختۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ تېخىچە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلمىگەن شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قانچە ئاي ئۆيىدە يېتىپ داۋالىنىدىكەن.

2008 ‏ - يىلى 16 ‏ - ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئوغلانى مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىدىن ھال سوراش ۋە ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نامىدا شەرەپ تاختىسى بىلەن تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇنداقلا قەيسەرى شەھرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياقۇپجان، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان جاسارىتىنى تەبرىكلىدى شۇنداقلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەييارلانغان " مىللىتىگە كۆرسەتكەن پىداكارلىقى " شەرەپ تاختىسىنى تەقدىم قىلدى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەت سۆيەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغان جەمئىي 10500 ( ئون مىڭ بەش يۈز) ئامېرىكا دوللىرى پۇلنى مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلدى.

مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ئابلىكىمخان مەخسۇم مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەش بىلەن بىرگە سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزدە يەنە " مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇملىرىغا قارشى غەزەپ ‏ - نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ئۆزىگە ئۆت قويغانلىقىنى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون خىتايغا قارشى تۇرۇشتا 30 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ بوشاشمىغانلىقىنى ئىپادىلەش، دەپ باھا بەردى. ئابلىكىمخان مەخسۇم مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەش بىلەن بىرگە سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

بىز مۇراسىم ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت