د ئۇ ق ھەيئىتى شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىدە زىيارەتتە

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﯩﺮﻭﻝ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯜﯞﻟﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﯩﺮﻭﻝ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯜﯞﻟﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Erkin Tarim

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۋېتسارىيە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىنى ئىلگىرىلىتىشتە جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت ‏- ئېتىبارىنى قوزغاش نىيىتىدە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئېيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ، كېلەر ھەپتە شۋېتسارىيە پارلامېنتىدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.  

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت