د ئۇ ق نىڭ تۈركىيىنىڭ 3 ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى داۋام قىلماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.26
2008.05.26

RFA Photo / Erkin Tarim
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈرك ئوجاقلىرى جەمىيىتى سىۋاس شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيىنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىدە چاقىرىلغان `تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆز قىلغان. شۇ كۈنى ئاخشام، سىۋاس ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيىلەردىن بىرى بولغان قانال 58 تېلېۋىزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىر سائەت مەلۇمات بەرگەن. 25-ماي يەكشەنبە كۈنى بولسا تۈركىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا يەنى قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان ترابزون ۋىلايىتىگە بېرىپ، قادىرغا تېلېۋىزىيىسى بىلەن زىگانا تېلېۋىزىيىسىگە چىقىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
سىۋاس ۋىلايىتى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، 640 مىڭ نوپۇسقا ئىگە. سىۋاس ۋىلايىتى 14-ئەسىردە قۇرۇلغان ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان بولۇپ، سىۋاستا ئۇ مەزگىلگە ئائىت كۆپ ساندا تارىخى ئەسىرى ئەتىقىلەرمۇ بار.
ترابزون ۋىلايىتى بولسا تۈركىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان، 21 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك بىر ۋىلايەت.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ بۇ ئىككى ۋىلايەتتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.