د ئۇ ق تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى يىغىنىنى چاقىردى

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە بىر ئارىغا كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.04
turkiyediki--teshkilat--rehberliri1-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
RFA Photo
 شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى ئوغۇزخان ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى مەسئۇلى جېلىل تۇران ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمىيىتى مەسئۇلى تىبەت يۈجە تۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتى باشلىقى ئەخمەت تۈركۆز قاتارلىقلار قاتناشقان.

بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنى ئاللا بۇرۇنلا باشلاتقانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.