خىتاي تور بەتلىرىدىكى خىتايلارنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرىدا، توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ باسقۇنچىلىق ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىتنە - پاسات تارقاتقان خىتاينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
شاۋگۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە جەمئىي 120 كىشى يارىلانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 81 نىڭ ئۇيغۇر، 39 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. خىتاينىڭ بوشۇن ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بولسا، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ 18 كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 12 سىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
ئەسكەرتىش: بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى www.ireport.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى www.ireport.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.
قانلىق ۋەقەنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن بەزى سىن ئالغۇ لېنتىلىرى يۇتۇبقا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي تور بەتلىرىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىسدىغان، ھەتتا ئاشكارا ھالدا "ئۆلتۈرۈش كېرەك بۇ ئۇيغۇرلارنى"، " قىرىپ تۈگىتىش كېرەك " دېگەنگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ - نەپرىتى ئىپادىلەنگەن سۆزلىرى يەر ئالغان.
بۇ ۋەەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىكىدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلىرى، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇلارغا خەت يوللاش ئارقىلىق ئۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ قانلىق توقۇنۇشنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبىنى ۋە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانىنى ئېنىقلاشنى ھەمدە ۋەقە سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىغا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ تامامەن خاتا بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دائىمى كومېتىت ئەزالىرى بىلەن تېلېفۇن يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان دولقۇن ئەپەندى يەنە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھەر قايسى دۆلەتلەردە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا،ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سورۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.